UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل يېزىقلارموڭغۇل يېزىقى

موڭغۇل يېزىقى

ھەرخىل يېزىقلار مىلادىيە1204 - يىلى موڭغۇل ھۆكۈمرانى چىڭگىزخان نايمان قەبىلىسىنى بويسۇندۇردى. بۇ قېتىمقى غەلىبە چىڭگىزخاننى كەڭ زېمىن ۋە غايەت زور بايلىققا ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە موڭغۇللارنى زېمىندىنمۇ قىممەتلىك نەرسە بولغان يېزىققا ئىگە قىلدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇللارنىڭ يېزىقى يوق ئىدى، بىرەر ئىشنى خاتىرىلەپ قويۇشقا توغرا كەلسە، ئارغامچا تۈگۈش، ياغاچقا ئويۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىناتتى. چىڭگىزخان نايمان قەبىلىسىدىن تاتاتۇڭا ئاتلىق بىر دۆلەت ئۇستازىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئەھۋال ئۆزگەردى. تاتاتۇڭا دېگەن بۇ كىشى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتتە ناھايىتى ئالغا كەتكەن مىللەت ئىدى، موكەممەل بىر يۈرۈش يېزىق سىستېمىسى بار ئىدى. مانا بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئىدى. چىڭگىزخان ئۇيغۇر يېزىقىغا ناھايىتى قىزىقىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاتاتۇڭانى موڭغۇل تىلىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىپ كۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، بىر يۈرۈش موڭغۇل يېزىقى سىستېمىسى − ئۇيغۇرچە موڭغۇل يېزىقى موڭغۇل دالاسىدا تارقىلىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەدىمكى پېرسىيە دەۋرىدە ئارامى يېزىقىدىن كەلگەن.2 - ئەسىر ئەتراپلىرىدا ئارامى يېزىقىنىڭ تېز يازما شەكلى سوغدى يېزىقىغا تەرەققىي قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتى كەڭ تارقالغان.9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇرلار سوغدى يېزىقىغا تەقلىد قىلىپ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. تاتاتۇڭا موڭغۇل تىلىنى خاتىرىلىگەن يېزىق مۇشۇ يېزىق ئىدى. كېيىن، موڭغۇل يېزىقى بەزى ئۆزگەرتىشلەردىن كېيىن ھازىرقى ھالغا كەلگەن. موڭغۇل يېزىقى جۇڭگو تارىخىدىكى ناھايىتى مۇھىم يېزىق ھېسابلىنىدۇ.17 - ئەسىردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن مانجۇ ۋە شىبە يېزىقلىرى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئۇيغۇرچە موڭغۇل يېزىقىدا19 ھەرپ بار، بۇلاردىن5 ى سوزۇق تاۋۇش،14 ى ئۈزۈك تاۋۇش؛ ھازىرقى موڭغۇل تىلىدا تەرەققىي قىلىپ29 ھەرپكە يەتتى، بۇلاردىن5 ى سوزۇق تاۋۇش،24 ى ئۈزۈك تاۋۇش. موڭغۇل يېزىقىنىڭ باشقا سوغدىچە يېزىقلارغا ئوخشاش گەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىر ھەرپنىڭ سۆزنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىدا يېزىلىدىغان ئۈچ خىل شەكلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل يېزىقلار