UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل يېزىقلارچاسا يېزىق − خەنزۇ يېزىقى

چاسا يېزىق − خەنزۇ يېزىقى

ھەرخىل يېزىقلار خەنزۇ يېزىقىنىڭ شەكىللەنگىنىگە كەم دېگەندىمۇ تۆت يېرىم مىڭ يىل بولدى. ئۈچ مىڭ يىللار بۇرۇن بارلىققا كەلگەن چىغىناق - تارغاق يېزىقى تىلنى مۇكەممەل خاتىرىلەپ، مۇكەممەل يېزىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. چىغىناق - تارغاق يېزىقى پەيدا بولغاندىن كېيىنكى نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا، خەنزۇ يېزىقىنىڭ شەكلى مىس يېزىقى (داڭقان يېزىقى)، جۇ يېزىقى (داجۇەن يېزىقى)، شياۋجۈەن يېزىقى، لىشۇ يېزىقىدىن كەيشۇ يېزىقى، شىڭشۇ يېزىقى، تېز يازما يېزىقىغىچە ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مۇرەككەپتىن ئاددىيلىشىپ، بەلگە خاراكتېرى بارغانسېرى كۈچەيگەن. خەنزۇ يېزىقى قەدىمىي يېزىق بولسىمۇ، ھاياتىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇ ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىدىغان ئادەم ئەڭ كۆپ يېزىق ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزدە1 مىليارد خەنزۇ خەلقى ئىشلەتكەندىن باشقا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقلەرمۇ خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. خەنزۇ يېزىقى ئۆزگىچە مەنە ئىپادىلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بىرى، تەسۋىرىي يېزىق، مەسىلەن، «山، 田، 井، 水، 羊» دېگەندەك خەتلەرنىڭ شەكلى شۇ خەتلەر كۆرسەتكەن شەيئىلەرنىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ؛ يەنە بىرى، پىكتوگراممىلىق (رەسىملىك) يېزىق، مەسىلەن، «未، 本، 刃» قاتارلىق خەتلەرنىڭ مەنىسى خەت شەكلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؛ ئۈچىنچىدىن، ئىدىئوگراممىلىق (مەنىلىك) يېزىق، مەسىلەن، «休، 歪، 炎، 森» قاتارلىق خەتلەر شۇ خەتنى تەشكىل قىلغۇچى ھەرقايسى قىسىملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ تۆتىنچىدىن، تەقلىدىي يېزىق، مەسىلەن: «洞، 桐، 铜، 筒» قاتارلىق خەتلەرنىڭ تاۋۇشى شۇ خەتلەرنىڭ يان بۆلىكى ئىپادىلەيدىغان تاۋۇشلارغا ئوخشاش ياكى يېقىن، مەنىسىمۇ يان بۆلەكنىڭ مەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خەنزۇ يېزىقى ئاھاڭنى بىۋاسىتە ئىپادىلىيەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما مەنىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. خەنزۇ يېزىقى، دۇنيادا سەنئەت ئەسىرى قىلىشقا يارايدىغان كەمدىن كەم يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇ يېزىقىنى يېزىش ئالاھىدە بىر سەنئەت، شۇنىڭدەك جۇڭگوچە رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگۈچىلەر ئىگىلەشكە تېگىشلىك بىر خىل ئىقتدار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل يېزىقلار