خەلقئارا ترانسكرىپسىيە
ھەرخىل يېزىقلار
ئېنگلىزچە ئۆگىنىدىغانلار بىر يۈرۈش «خەلقئارا ترانسكرىپسىيە» نى ئۆگىنىدۇ. بۇ بەلگىلەر قارىماققا لاتىنچە ھەرپلەرگە ئوخشايدۇ. بىراق، ئۇ ھەقىقىي يېزىق ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن تىلنىڭ تاۋۇشىلا ئىپادىلىنىدۇ، يازما ئالاقە قورالى قىلىشقا بولمايدۇ.
خەلقئارا ترانسكرىپسىيە API دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەشھۇر تىلشۇناس پائۇل باس1886 - يىلى لايىھىلىگەن.1888 - يىلى8 - ئايدا فرانسىيىنىڭ «فونېتىكا ئوقۇتقۇچىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ دۇنيادىكى بارلىق تىللارنى يېزىش مەقسىتىدە لايىھىلەنگەن، پرىنسىپ جەھەتتە بىر بەلگە مۇقىم بىر تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەيلى قايسى تىل ترانسكرىپسىيە قىلىنمىسۇن، ئۇ بەلگىلەرنىڭ بىر قىسمىلا ئىشلىتىلىدۇ. بەزىلەر ئىنگلىز تىلى دەرسلىكىدىكى ترانسكرىپسىيە بەلگىلىرىنى خەلقئارا ترانسكرىپسىيىنىڭ بارلىقىنى ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ خاتا.
خەلقئارا ترانسكرىپسىيە تۈزۈلگەن يۈزنەچچە يىلدىن بېرى كۆپ قېتىم تۈزىتىلدى ۋە تولۇقلاندى. ھازىر ئۇنىڭدا134 بەلگە بار.
بۇلاردىن باشقا، ئەمەلىي ترانسكرىپسىيە قىلغاندا يەنە نۇرغۇن بەلگىلەر ئىشلىتىلىدۇ.
خەلقئارا ترانسكرىپسىيە بەلگىلىرى بىلەن ترانسكرىپسىيە قىلىشنىڭ لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ترانسكرىپسىيە قىلغانغا قارىغاندا، دەللىكى كۆپ يۇقىرى، دەرۋەقە، ھەرقانداق تاۋۇشنى مۇتلەق توغرا ترانسكرىپسىيە قىلغىلى بولمايدۇ. ئىنگلىزچە( owt :ut ئىككى) بىلەن خەنزۇچە (ut توشقان)نى سېلىشتۇرۇپ، شۇنى بايقىماق تەس ئەمەسكى، t نى تەلەپپۇز قىلغاندا، ئىنگلىز تىلىدا تىل ئۇچى خەنزۇ تىلىغا قارىغاندا كەينىگىرەڭ تارتىلىدۇ. بۇ پەرق خەلقئارا ترانسكرىپسىيىدە ئەكس ئەتمەيدۇ.