UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل يېزىقلاريىزۇ يېزىقى

يىزۇ يېزىقى

ھەرخىل يېزىقلار جۇڭگونىڭ قەدىمكى رىۋايەتلىرىدە «قۇمچاق يېزىق» دېگەن سۆز دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ سۆز دەسلەپتە ئەۋلىيا - ئەنبىيالار ئىشلەتكەن يېزىقنى كۆرسەتكەن، كېيىنچە ھېچكىم ئۇقمايدىغان قەدىمىي يېزىقنى كۆرسىتىپ، كىشىگە سىرلىقلىق تۇيغۇسى بېرىپ كەلدى. ئەمما، ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبى رايونلىرىدا بىر خىل ھەقىقىي قۇمچاق يېزىق ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ، بۇ يىزۇ يېزىقىدۇر. يىزۇ يېزىقى سىچۇەن، گۇيجۇ، يۈننەن ئەتراپلىرىدىكى يىزۇلار ئاممىسى قوللىنىدىغان يېزىق بولۇپ، «يىزۇ يېزىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. مىڭ - چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى نۇرغۇن كىتابلاردا ئۇ تىلغا ئېلىنغان، ئېيىتىلىشىچە، ئۇ «قۇمچاققا ئوخشاش» يېزىق بولۇپ، «ھەرپى1840 » ئىكەن. خەلق رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، يىزۇ يېزىقىنىڭ تارىخى خېلى ئۇزاق ئىكەن. ئەمما، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن روناق تېپىشقا باشلىغان. يىزۇ يېزىقى بوغۇملۇق يېزىق بولۇپ، رولى ياپونلارنىڭ كانا يېزىقىغا ئوخشاپراپ قالىدۇ. بۇ يېزىقتا بىر ھەرپ مۇكەممەل بىر بوغۇمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن، يىزۇ يېزىقىدىكى يەتتە ھەرپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا، ub، eb، ob، oub، ab، eib، ib قاتارلىق يەتتە بوغۇمنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئۈزۈك تاۋۇش b نى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى، يالغۇز ئۈزۈك تاۋۇش b مۇكەممەل بىر بوغۇم ھاسىل قىلالمايدۇ. يىزۇ يېزىقى20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدىن بۇرۇن بىرلىككە كەلگەنىدى. ئوخشاش بىر بوغۇمنى بەزىلەر مۇنداق يازسا، بەزىلەر ئۇنداق يازاتتى، رايونلارنىڭ يېزىق ئىشلىتىش ئادىتى بىر - بىرىگە ئوخشىمايتتى، جايلارنىڭ يېزىق ۋارىيانتلىرىنى جەملەپ كەلسە10 مىڭدىن ئېشىپ كېتەتتى. مۇنچە كۆپ خەتنى ئۆگىتىپ بولۇشمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. يىزۇ يېزىقىنى يىزۇ خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، سىچۇەن لياڭشەن ئاپتونوم ئوبلاستى ئون نەچچە يىل تىرىشىپ،1980 - يىلى بىر يۈرۈش «يىزۇ يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش لايىھىسى» نى رەتلەپ چىقتى؛ بۇ لايىھە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن يولغا قويۇلدى. «يىزۇ يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش لايىھىسى» دا 819 ھەرپ بار، سىزىقلىرى ئاددىي، شەكلى كۆركەم، ھەممىسى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ، خەنزۇ يېزىقىنى يېزىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل يېزىقلار
يىزۇ يېزىقى | UyghurWiki | UyghurWiki