UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل يېزىقلارناشىلارنىڭ دۇڭبا يېزىقى

ناشىلارنىڭ دۇڭبا يېزىقى

ھەرخىل يېزىقلار ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى لىجياڭ تەۋەسىدىكى ناشى مىللىتى ئىچىدە غەلىتە بىر يېزىق تارالغان، دۇنيادا قوللىنىۋاتقان باشقا يېزىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇ، يېزىقلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئالىملار ئۇنى «يېزىقلارنىڭ تاشقاتمىسى» دەپ ئاتىغان. ناشىلار «دۇڭبا دىنى» دەيدىغان ئىپتىدائى دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، مۇرىتلار مۇقەددەس كىتابلىرىنى يازغاندا ئىشلىتىدىغان يېزىق «دۇڭبا يېزىقى» دېيىلىدۇ. بۇ يېزىق ئايرىم - ئايرىم رەسىملەرگە ئوخشايدۇ، تۇنجى كۆرگەن كىشى ئۇنى «يېزىق» دەپ ئويلىماسلىقى مۇمكىن. يۇقىرىدىكى رەسىم دۇڭبا يېزىقىدا يېزىلغان بىر جۈملە گەپ، ئوڭ تەرىپىدە كېتىۋاتقان ئادەم سىزىلغان، مەنىسى «ئادەم يۆتكىلىۋاتىدۇ» دېگەنلىك، سول تەرەپ تۆۋەندىكىسى تاغ، ئۇنى «ئىلاھىي تاغ» دەپ تەرجىمە قىلىش مۇمكىن؛ سول تەرەپ يۇقىرىدىكى يۇمىلاق نەرسە «چوققا» نى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدا بىر يانتۇ سىزىق ئادەمنىڭ پۇتىغا تۇتاشقان. مەنىسى «چۈشۈش» دېگەنلىك. پۈتۈن جۈملىنىڭ مەنىسى «ئادەم ئىلاھىي تاغ چوققىسىدىن چۈشۈۋاتىدۇ.» دۇڭبا يېزىقىنىڭ جەمئىي سانى1300 ، ئۇنى «رەسىم يېزىق» ۋە «تەسۋىرىي يېزىق» دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. بۇ يېزىق خېلىلا ئىپتىدائى بولۇپ، خەت شەكلى بىرلىككە كەلمەيلا قالماستىن، بىر جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ تەرتىپىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇنى سولدىن ئوڭغا، ئوڭدىن سولغا يازسىمۇ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، تۆۋەندىن يۇقىرىغا يازسىمۇ بولىۋېرىدۇ. غەلىتە يېرى شۇكى، دۇڭبا يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى ناشى تىلىنىڭ سۆزلىرى بىلەن پار كەلمەيدۇ. بەزىدە يېزىلغان خەتلەر ئوقۇلمايدۇ، بەزىدە ئوقۇلغان خەتلەر يېزىلمايدۇ. دۇڭبا يېزىقىدا يېزىلغان بىر جۈملىنى ئون ناشى ئون خىل ئوقۇيدۇ، دېسە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل يېزىقلار