UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل يېزىقلارئالماشتۇرۇۋېتىش

ئالماشتۇرۇۋېتىش

ھەرخىل يېزىقلار بىز «见再» دىكى «再» نىڭ ئورنىغا، «起一在» دىكى «在» نى، «使即» دىكى «即» نىڭ ئورنىغا «然既» دىكى «既» نى يازساق خاتا خەت يېزىش خاتالىقى سادىر قىلغان بولىمىز. خاتا خەت يېزىش بىر خەتنىڭ ئورنىغا باشقا بىر خەتنى ئالماشتۇرۇپ يېزىپ قويۇشتۇر. لېكىن، قەدىمكى زاماندا، بولۇپمۇ ئالدىنقى چىن ۋە ئىككى خەن دەۋرلىرىدە خاتا خەت يېزىش ئومۇمىي ئەھۋال ئىدى. قەدىمكى زاماندا يېزىش شارائىتى تولىمۇ ناچار، ھازىرقىدەك دەرسلىكلەر يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇتقۇچى سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلار يېزىۋېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. مۇنداق ئەھۋالدا خاتا خەت يېزىشتىن ساقلانماق تەس ئىدى. بىر كىشى خاتا خەت يازسا، باشقىلارمۇ ئەگىشىپ يازاتتى، بارا - بارا ئادەتكە ئايلىنىپ، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلاتتى. كېيىنكىلەر مۇنداق ھادىسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش ھادىسىسى دەپ ئاتىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى يېزىشقا تېگىشلىك توغرا خەت ئەسلىي خەت دەپ، ئەسلىي خەتنىڭ ئورنىغا يېزىلغان ئاھاڭى ئوخشاش ياكى يېقىن خەت ئۆتنە خەت ياكى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن خەت دەپ ئاتالدى. خەتلەرنى ئالماشتۇرۇۋېتىش يىراق قەدىمكى زاماندا خەنزۇ تىلىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىكى ئالاھىدە ھادىسىدۇر. سۈي - تاڭ سۇلالىلىرىدىن كېيىن ئەسلىدە بار خەتلەرلا ئالماشتۇرۇلىدىغان بولدى، ئەگەر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن خەت ياسالسا، ئۇ خاتا خەت دېيىلىدىغان بولدى. ھازىرقى كۈندە بولسا، ئاھاڭى ئوخشاش دەپلا، خەتلەرنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ يېزىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئۆتنە خەت بىلەن ئەسلىي خەتنىمۇ خالىغانچە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن، مۇقىم ماسلىق مۇناسىۋىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن، «晨早» دىكى «早» نىڭ ئورنىغا «蚤跳» دىكى «蚤» نى ئالماشتۇرۇش («تارىخنامە. شياڭيۈينىڭ تەرجىمىھالى») دە: «王项谢来蚤不可不日明» ئەتە بالدۇر كېلىپ شياڭيۈي خانغا رەھمەت ئېيتمىسام بولمايدۇ؛ «送遗» دىكى «遗» نىڭ ئورنىغا «还归» دىكى «归» نى ئالماشتۇرۇش («مۇھاكىمە ۋە بايان. ياڭ خو»)دا «豚子孔归,见不子孔,子孔见欲货阳» ياڭ خو كۇڭزى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇۋىدى، كۇڭزى قوبۇل قىلمىدى، كۇڭزىغا چوشقا كۈچۈكى سوۋغا قىلدى(؛ «会宴» دىكى «宴» نىڭ ئورنىغا «子燕» دىكى «燕» نى ئالماشتۇرۇش )«خەن فېيزى. ۋەيچۈنىڭ زوشياڭغا نەسىھىتى» دە: «帝之燕不日十无主人闻臣» ئاڭلىشىمچە جانابلىرى كەم دېگەندە ئون كۈندە بىر قېتىم زىياپەت ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىكەنلا(؛ «所处» دىكى «所» نىڭ ئورنىغا «许允» دىكى «许» نى ئالماشتۇرۇش )«ۋۇليۈ موللامنىڭ تەزكىرىسى» دە: «也人许何知不生先» جانابلىرى قەيەردىن بولىلاكىن( ... ۋە باشقىلار. ئوقۇغان كىشى ناۋادا قەدىمكى كىتابلاردىكى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن خەتلەرنى ئۆتنە خەتنىڭ مەنىسى بويىچە چۈشەنسە، خاتالىشىدۇ، مەسىلەن، «جۇاڭزى. مۇزىكا ھەققىدە» دىكى «肘左其生柳,而俄» )بىر دەمدىن كېيىن، ئۇنىڭ سول بىلىكى ئىششىپ قالدى« دېگەن جۈملىدە «柳» ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن خەت بولۇپ، ئەسلىي خەت «瘤» (ئىششىق). لېكىن، شائىر ۋاڭ ۋىي «柳» نى ئەسلىي مەنىسىدە «قىرچىنتال» دەپ چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، «垂日今肘左生杨» (ھالا بۈگۈن قىرچىنتال سول تەرەپتىن شاخلىرى) دەپ مىسرا تۈزۈپ كۈلكىگە قالغان. شۇڭا، قەدىمكى ئەدەبىياتنى ئۆگەنگەندە ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىش، ھەرگىز ئۆتنە خەتنى ئەسلىي خەت دەپ چۈشىنىپ، ئۇقۇمدا خاتالاشماسلىق كېرەك. شۇنىڭدەك قەدىمكى زاماندىكى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن خەتلەرنىڭ ئاھاڭى ئوخشاش ياكى يېقىن دېگەنلىك ئۇلارنىڭ قەدىمكى ئاھاڭىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى بۈگۈنكى تەلەپپۇز بىلەن ئۆلچىمەسلىك لازىم.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل يېزىقلار