زاڭزۇ يېزىقى
ھەرخىل يېزىقلار
ناۋادا دۇنيادىكى يېزىقلارنى ئىشلىتىدىغانلار ئولتۇراقلاشقان جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بويىچە تىزسا، ئېلىمىزدىكى زاڭزۇ يېزىقى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بەزىلەر ئۇنى «دۇنيانىڭ ئۆگزىسىگە يېزىلىدىغان يېزىق» دەپ ئاتىشىدۇ.
شىزاڭ بۇرۇن تۇبۇت (تىبەت) دېيىلىدىغان، مىلادىيە7 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەشھۇر سۇڭزەن گەنبۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. سۇڭزەن گەنبۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاقسۆڭەك ئىدى، ئۇ ھىندىستاندىن «بۇددا تەلىماتلىرى» غا ئېرىشىش ئۈچۈن، تۇڭمىساڭ بۇجا ئاتلىق بىر ۋەزىرنى «غەرب» كە نوم ئەكىلىشكە ئەۋەتىدۇ. توڭمىساڭ بۇجا ھىندىستاندىن تۇبۇتكە بۇددا نوملىرىنىلا ئەمەس، قەدىمكى ھىندى يېزىقى − سانسكرىت يېزىقىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. سۇڭزەن گەنبۇ سانسكرىت يېزىقىدىن ئىلھاملىنىپ، تۇڭمىساڭ بۇجانى زاڭزۇ تىلى ئۈچۈن يېزىق ئىجاد قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ قېتىم ئىجاد قىلىنغان يېزىق ھازىرقى زاڭزۇ يېزىقىنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ.
ئەڭ دەسلەپكى زاڭزۇ يېزىقىنى قوشۇپ يېزىش ئۇسۇلى ئۆلچەملەشمىگەنىدى، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېزىق بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇلۇشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭىيىپ كەتتى، كىشىلەر ئۆزلىرى قول سېلىپ يېزىق ئىسلاھ قىلىشقا كىرىشتى، مانا بۇ تارىختا »رەتلەنگەن زاڭزۇ يېزىقى« دېيىلگەن يېزىق. زاڭزۇ يېزىقىنى رەتلەش7 - ئەسىردە يېزىق ئىجاد قىلىنغان چاغدىلا باشلانغان بولۇپ، سەككىز يۈز يىل داۋاملاشتى. ئارىدا نوم تەرجىمانلىرىنىڭ ئىككى يۈز يىلغا يېقىن تىرىشىشى بىلەن،15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بىر باسقۇچ ئاساسەن تاماملىنىپ، ھازىرقى زاڭزۇ يېزىقىنىڭ ئاساسى تۇرغۇزۇلدى.
زاڭزۇ يېزىقى «بوغۇملۇق − فونېمىلىق يېزىق» بولۇپ،30 ھەرپ ۋە4 سوزۇق تاۋۇش بەلگىسى بار. ھەربىر ھەرپ يەككە ئوقۇلغاندا، بىر »ئۈزۈك تاۋۇش +a« بوغۇمىنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن سوزۇق تاۋۇش بەلگىسى بىلەن بىرلەشكەندە پەقەت ئۈزۈك تاۋۇشنىلا ئىپادىلەيدۇ، يەنى a نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. زاڭزۇچە بىر سۆزدە كۆپ دېگەندە6 ھەرپ بولىدۇ، بۇ6 ھەرپ يېزىققا ئوخشاش بىر تۈز سىزىق ھاسىل قىلماي، يۇقىرى - تۆۋەن، ئوڭ - سولغا دۆۋىلەپ قويۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ دېگەندە بىر ھەرپ بوغۇم ئىپادىلەپ «ئاساسىي ھەرپ» دېيىلىدۇ، قالغانلىرى تۇرغان ئورنىغا قاراپ «ئالدىغا قوشۇلغان ھەرپ»،«ئۈستىگە قوشۇلغان ھەرپ»، «ئاستىغا قوشۇلغان ھەرپ»، «كەينىگە قوشۇلغان ھەرپ» ياكى «يەنە كەينىگە قوشۇلغان ھەرپ» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار يەككە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىلا ئىپادىلەيدۇ.
زاڭزۇ يېزىقى خېلى تەرەققىي قىلغان يېزىق، زاڭزۇ يېزىقىدا يېزىلغان قەدىمكى ئەسەرلەرمۇ تولا. مىلادىيە13 - ئەسىردە يۈەن سۇلالىسىنىڭ شىزۇ خانى قۇبلاينىڭ بۇيرۇقى بىلەن يېڭىدىن ئىجاد قىلىنىپ مەملىكەتتە يولغا قويۇلغان «موڭغۇل يېڭى يېزىقى»، يەنى «باسىبا موڭغۇل يېزىقى» زاڭزۇ يېزىقىنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن.