ئەمالار يېزىقى
ھەرخىل يېزىقلار
ئەمالار كىتاب ئوقۇغاندا «سىلاپ ئوقۇيدۇ»، ئۇلارنىڭ سىلاپ ئوقۇيدىغىنى «ئەمالار يېزىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە يېزىقتۇر.
«ئەمالار يېزىقى» «چېكىتلىك يېزىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنى باشتا لوئى بلايېر ئاتلىق فرانسۇز1829 - يىلى لايىھىلىگەن. ئۇ ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، ھەر بىر «ھەرپى» تىزىلىش ئورنى ئوخشىمايدىغان1 -6 يۇمىلاق چېكىتتىن تەركىب تاپىدۇ. ئەمالار يېزىقىنى يازغاندا، بولقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان «قەلەم» بىلەن قېلىن قەغەزگە يۇمىلاق تۆشۈكچىلەر تېشىلىدۇ. بۇ قەغەزنى بارماقلار بىلەن سىلاپ، يۇمىلاق چېكىتلەرنىڭ قانداق تىزىلغانلىقىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق مۇناسىپ تاۋۇشنى ئوقۇغىلى بولىدۇ.
جۇڭگودا ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئەمالار يېزىقىمۇ بلايېر سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ لايىھىلەنگەن. ئۇنىڭدا پەقەت خەنزۇ تىلى ھەرپلىرى ئاساس قىلىنغان، خالاس.