ئاياللار يېزىقى
ھەرخىل يېزىقلار
ئەڭ كۆپ ئادەم ئىشلىتىدىغان يېزىق جۇڭگودا، ئەڭ ئاز ئادەم ئىشلىتىدىغان يېزىقمۇ جۇڭگودا، بۇ يېزىق خۇنەن ئۆلكىسى جياڭشۈي ناھىيىسىدىكى ئاياللار قوللانغان بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «ئاياللار يېزىقى» دەپ ئاتىشىدىكەن. بۇ يېزىق بايقالغان چاغدا، ئۇنى پىششىق بىلىدىغان80 ياشتىن ھالقىغان ئىككىلا كىشى قالغانىكەن.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا خۇيۇيشۇ ئاتلىق بىر قىز ئۆتكەنىكەن. ئەخلاقىي پەزىلىتى ھەممىدىن ئۈستۈن، ئۆزى ساھىبجامال بولغاچقا، پادىشاھ ئۇنى ئەتىۋارلىق توقال خانىشلىققا تاللاپتۇ. بىراق، ئوردا تۇرمۇشى تولىمۇ بىمەززە بولۇپ، قورساق كۆپۈكىنى ئېيتىدىغان يەر تاپالماي، ئۆيىدىكىلەرگە خەت يېزىپتۇ. خەتنى ئوردىدىكىلەرنىڭ تونۇۋېلىشىدىن قورقۇپ ئوغرىلىقچە يازغاچقا، بۇ قىز قىيپاچ يېزىلىدىغان بىر خىل غەلىتە خەت ئىجاد قىلىپتۇ. خەت يۇرتىغا يەتكەندىن كېيىن ئاچا - سىڭىللار ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىش يۈزىسىدىن بۇ غەلىتە يېزىقنى بەس - بەستە ئۆگىنىشكە كىرىشىپتۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە جياڭشۈي ناھىيىسىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ «ئاياللار يېزىقى» نى بىلىپ بوپتۇ. بىراق، كېيىنچە «ئەرلەر يېزىقى» (خەنزۇ يېزىقى) ئومۇملىشىپ، ئاياللار يېزىقىنى ئىشلىتىدىغانلار بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىپتۇ.
ئاياللار يېزىقى خەنزۇ يېزىقىنىڭ بىر خىل ۋارىيانتى، سىزىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يانتۇ يېزىلىدۇ. يايسىمان ۋە يۇمىلاق سىزىقلارمۇ ناگان - ناگاندا ئۇچراپ قالىدۇ. ئاياللار يېزىقىنىڭ شەكلى ئانچە مۇھىم ئەمەس، بىر خەت بىرنەچچە خىل يېزىلىدۇ ۋە ئوقۇلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ تولىمۇ خام يېزىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.