گرېك يېزىقى
ھەرخىل يېزىقلار
بىز كۆرۈپ يۈرىدىغان ھەر خىل يېزىقلار ئىچىدە خەنزۇ يېزىقىدىن باشقا گرېك يېزىقىنىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزاق.
گرېك يېزىقىنى يۇنانلىقلار قوللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى9 - ئەسىرلەردە شىمالىي سېمىت يېزىقىدىن تەرەققىي قىلغان. شىمالىي سېمىت يېزىقىدا22 ھەرپ بولۇپ، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. گرېكلار ئۇنىڭغا بىرنەچچە ھەرپ قوشۇپ، يېزىش ئۇسۇلىنى سولدىن ئوڭغا يېزىشقا ئۆزگەرتكەن. دەسلەپتە گرېتسىيىنىڭ ھەرقايسى پولىسلىرىدا قوللىنىلىدىغان يېزىقلار ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيتتى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى4 - ئەسىرگە كەلگەندە، ئاندىن تۆۋەندىكى24 ھەرپ مۇقىملاشقان:
گرېك ھەرپلىرى ئاددىي بولغىنى بىلەن، ئۇلاپ يېزىش ناھايىتى تەس، كىشىلەر ھەرپلەرنىڭ (بولۇپمۇ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ) ئۈستىگە ياكى ئاستىغا نۇرغۇن بەلگىلەرنى قويغاندىلا مەنە ئۇقتۇرالايتتى. شۇڭا، گرېك يېزىقى ئىچىدىكى سوزۇق تاۋۇش a نىڭ ۋارىيانتلىرىلا26 گە يېتەتتى.
گرېك يېزىقىنىڭ ئەۋلادلىرى ناھايىتى كۆپ، بۇلارنىڭ مەشھۇر ئىككىسى ئىنگلىز يېزىقى بىلەن رۇس يېزىقىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدىمكى يۇناندا ئىلىم - پەن ناھايىتى تەرەققىي قىلغاچقا، ھازىرقى كۈندە نۇرغۇن ئۆلچەم بىرلىكلىرى، ئاتالغۇلار، ئىسىملار گرېكچە ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. بىراق، ئالاھىدە بەلگە سۈپىتىدىلا قوللىنىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن گرېك تىلى خاتىرىلەنمەيدۇ، ھېلىقى ئارتۇقچە بەلگىلەرنى قويۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.