UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل يېزىقلارياپون يېزىقى

ياپون يېزىقى

ھەرخىل يېزىقلار ياپون يېزىقىدا نۇرغۇن خەنزۇچە خەت ۋە خەنزۇچە خەتكە يېقىن خەتلەر بار، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە بۇرۇن ياپونلار ئۆز تىلىنى خەنزۇ يېزىقى بىلەن خاتىرىلىگەن. ھازىرغىچە ياپون تىلىدا خەنزۇ يېزىقى ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا2000 يىلدىن ئاشتى. بۇ يېزىقلار ھازىرمۇ ئەسلىدىكى ئوقۇلۇشىغا يېقىن كېلىدۇ. مەسىلەن، «界世» (دۇنيا) iak es ئوقۇلىدۇ؛ بەزى خەتلەرنىڭ شەكلى بىلەن مەنىسىلا ساقلىنىپ قېلىپ، ئوقۇلۇشى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتكەن. مەسىلەن، «春» (باھار) ur ah ئوقۇلىدۇ. «雨» (يامغۇر) em a ئوقۇلىدۇ. يەنە بەزى خەتلەرنىڭ مەنىسىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن. مەسىلەن، «符切» نىڭ مەنىسى «票» (بېلەت)، «派立» نىڭ مەنىسى «好» (ياخشى)، «色出» (قالتىس) ۋە «强勉» نىڭ مەنىسى «习学» (ئۆگىنىش). ياپون تىلىدىن خەنزۇ يېزىقى بىلەن ئىپادە قىلىنغان نۇرغۇن سۆزلەر يەنە جۇڭگوغا كىرىپ، خەنزۇ تىلى لېكسىكىسىنى بېيىتتى. مەسىلەن، «象抽» (ئابستراكت)، «体具» (كونكرېت)، «部干» (كادىر) قاتارلىق سۆزلەر ياپونچىدىن كىرگەن. ياپونچىدىكى ھەرپلەر (يەنى «كانا» يېزىقى) مۇ خەنزۇ يېزىقىدىن كېلىپ چىققان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىبى ماكىبى ئاتلىق بىر ياپونىيىلىك ئالىم ئەلچى بولۇپ، جۇڭگوغا كېلىپ چاڭئەندە17 يىل تۇرغان، بۇ جەرياندا خەنزۇچىنى پىششىق ئۆگەنگەن. يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ يان بۆلەكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ياپونچە كاتاكانا يېزىقىア، イ، ウ، エ، オ قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلىپ، چەتتىن كىرگەن سۆزلەر ۋە بەزى ئالاھىدە سۆزلەرنى خاتىرىلىگەن. كېيىن، ياپونىيىلىك كاتتا راھىب سارا ئۇمى چاڭئەنگە كېلىپ، »ئىككى ۋاڭ«نىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۆگەنگەن. ئېلىگە قايتقاندىن كېيىن خەنزۇ يېزىقىنىڭ تېز يازما شەكلىگە تەقلىد قىلىپ، خىراگانا يېزىقى か، お، え، う، い، あ قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلىپ، باسمىچىلىق ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا قوللانغان. مانا بۇلار ياپون تىلىنىڭ «50 فونوگرامما» سى ئىچىدىكى ئىككى يۈرۈش «كانا» يېزىقى − كاتا كانا يېزىقى ۋە خىراگانا يېزىقىنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل يېزىقلار