كرىللى يېزىقى
ھەرخىل يېزىقلار
شەرقىي ياۋروپالىقلار ئىشىنىدىغان دىن خرىستىئان دىنى ئەمەس، پراۋوسلاۋىيە دىنىدۇر. ئەگەر سىز قايسى دىنغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ يېزىقىغا قاراڭ − لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتكەنلەر خرىستىئان دىنىغا، كرىللى يېزىقىنى ئىشلەتكەنلەر پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پراۋوسلاۋىيە دىنى باشتا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي تەرەپلىرىگە تارالغان بولۇپ، خرىستىئان دىنىنىڭ بىر تارمىقى ئىدى. مىلادىيە9 - ئەسىردە كرىللى ئاتلىق بىر پراۋوسلاۋىيە مۇرىتى شەرقىي ياۋروپادىكى سىلاۋىيانلارغا دىن تارقاتقاندا، گرېك ھەرپلىرى ئاساسىدا يېڭى بىر يۈرۈش يېزىق ئىجاد قىلغان، كېيىن بۇ يېزىق «كرىللى يېزىقى» دەپ ئاتالغان.
كرىللى يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى دەسلەپتە43 ئىدى، كېيىن ئىخچاملىنىپ30 چە قالغان. كرىللى يېزىقى ئاساسەن روسىيىدە قوللىنىلىدۇ. رۇسلاردىن باشقا، بېلورۇسلار، ئوكرائىنلار، قىرغىزلار، قازاقلارمۇ مۇشۇ يېزىقنى ئىشلىتىدۇ، بۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغانلاردىن يەنە بۇلغارىيە، سېربىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىقلارمۇ بار.20 - ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىدا شىنجاڭدىكى بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆز يېزىقلىرىنى كرىللى يېزىقى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلغان. بىراق، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان.