قاشتاش
ھەرخىل ياقۇتلار
قاشتاش ئەزەلدىن تارتىپلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيادا جۇڭگولۇقلار قاشتاشنى ئەڭ ياقتۇرىدۇ. ئېلىمىز قەدىمدىن تارتىپ «قاشتاش دۆلىتى» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يىراق قەدىمكى زاماندا پادىشاھلار بەگلەرگە سۇيۇرغال بەرگەن ۋاقىتلاردا قاشتاشنى ئۇلار بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقنىڭ بەلگىسى قىلغان. كېيىنكى نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ «مۆھۈرى» مۇ قاشتاشتىن ئويۇپ ياسالغان.
قاشتاش مۇستەھكەم، زىچ قۇرۇلمىلىق كۆپ خىل مىنېراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي قاشتاش پەقەت ئىككى خىل بولىدۇ، يەنى يۇمشاق قاشتاش (نېفرىت) ۋە قاتتىق قاشتاش (جادېئىت).
يۇمشاق قاشتاش ترېمولىتنى ئاساس قىلغان مىنېراللارنىڭ توپلانما تەنچىسى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى كالتسىي، ماگنىي، ئاليۇمىن، تۆمۈرنىڭ سىلىكاتلىرىدىن ئىبارەت. بۇ مىنېراللار ئىنچىكە تالاسىمان ياكى گىرەلەشمە كىگىزسىمان بولغانلىقتىن، سۈپەتلىك، مۇستەھكەم، نەپىس بولىدۇ، ئاسان ئېزىلمەيدۇ، بېسىلىشقا چىدامچانلىقى پولاتتىن ئېشىپ كېتىدۇ. خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق، سىلىقلانغاندىن كېيىن مومسىمان پارقىرايدۇ، كىشىگە سۈزۈك، پارقىراق، يۇمشاق تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك قاشتاش ئويمىچىلىق ھۈنەر - سەنئەت خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى يۇمشاق قاشتاش بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە بىر قىسىم مىنېرال ماددىلار بار. مەسىلەن، باۋۋېن قاشتېشى (سېرپېنتىن) ۋە خېنەننىڭ دۇشەن قاشتېشى (ئالبىت، زوئىزىت) قاتارلىقلار، بۇلار ھۈنەر - سەنئەت ماتېرىيالچىلىقىدا ئادەتتە يۇمشاق قاشتاش دەپ ئاتىلىدۇ.
يۇمشاق قاشتاش دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن دېگۈدەك چىقىدۇ، ئاساسلىق چىقىدىغان دۆلەتلەردىن جۇڭگو، روسىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئا ق ش قاتارلىقلار بار. ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭدىكى كوئىنلۇن تېغىدىن ئاق قاشتاش، يېشىل قاشتاش، سېرىق گۆھەر قارا قاشتاش ۋە زۇمرەت قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ. ئۇلار قىسقارتىلىپ «كوئىنلۇن قاشتېشى» دەپ ئاتىلىدۇ. بېيجىڭ گۇگۇڭ مۇزېيىدىكى ئېغىرلىقى بەش توننىدىن ئاشىدىغان «دايۈينىڭ سۇنى تىزگىنلەش خەرىتىسى» كوئىنلۇن قاشتېشىدىن ئويۇلغان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن قاشتېشىنىڭ رەڭگى گويا ئۇيۇغان مايدەك ئاپئاق بولۇپ، «قوي مېيىدەك ئاق قاشتاش» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئەڭ قىممەتلىك. قەدىمدىن تارتىپلا، ئېغىرلىقى100 جىڭدىن ئاشىدىغان ئاق قاشتاش دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان گۆھەر ھېسابلىنىدۇ.1980 - يىلى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن ئېغىرلىقى472 كىلوگرام كېلىدىغان ئاق قاشتاش تېپىلغان. لياۋنىڭ ئۆلكىسى شيۇيەن ناھىيىسىدىكى شيۇيەن تېشى ۋە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لەنتيەن قاشتېشى باۋۋېن قاشتېشىغا كىرىدۇ. شيۇيەن ناھىيىسىدە بىر پارچە زور قاشتاش بولۇپ، ئېغىرلىقى260 نەچچە مىڭ كىلوگرام كېلىدۇ،15 ئادەم قول تۇتۇشۇپ ئاران قۇچاقلىيالايدۇ، ئۇ دۇنيادىكى «قاشتاش شاھى» دەپ ئاتىلىدۇ.
يەنە بىر خىل قاشتاش قاتتىق قاشتاش بولۇپ، دۆلىتىمىزدە »يېشىل تاش« دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ناترىي ۋە ئاليۇمىن سىلىكاتلىرىنىڭ زىچ بىرىككەن گەۋدىسى، ئۇ سانسىزلىغان ئۇششاق تالاسىمان كرىستاللارنىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان، قاتتىقلىق دەرىجىسى ئەينەكتىن يۇقىرى، خرۇستالدىن پەرقلەنمەيدۇ، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ناھايىتى تۇراقلىق. قاتتىق قاشتاشنىڭ كۆپ خىل رەڭدىكىلىرى بولىدۇ، بىراق ئاساسلىقى ئاق رەڭدە بولىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى بىرمىنىڭ كاچىن شتاتىدىكى ميىتكينانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى موگائۇڭ ئەتراپىدىن چىقىدۇ، شۇڭا «بىرما قاشتېشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
قاتتىق قاشتاش10 مىڭ ئاتموسفېرا بېسىمى ۋە ℃200 −℃300 لۇق شارائىت ئاستىدا، سىلىكا كەمچىل ئۇلترا ئاساسلىق ماگمىلارنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. يېشىل تاشلار ئىچىدە، يامغۇردىن كېيىنكى قۇياش نۇرى چۈشكەن ئىلېكس دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىدەك توق يېشىل رەڭدىكىلىرى ئەڭ ئېسىللىرى ھېسابلىنىدۇ، قانچە سۈزۈك بولسا شۇنچە ئېسىل بولىدۇ. رەڭگى كۆركەم، پارقىراق بولۇپ، كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ، ئېگىلمەيدۇ، يېرىلمايدۇ، بۇ جەھەتتە قاشتاش تۈرىدىكى باشقا نۇرغۇن ياقۇتلار ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. خەلقئارا بازاردا خېلى ئالقىشقا سازاۋەر، ئېسىللىرىنىڭ باھاسى قىممەت