قىزىل ياقۇت ۋە كۆك ياقۇت
ھەرخىل ياقۇتلار
قىزىل ياقۇت بىلەن كۆك ياقۇت ئوخشاش بىر خىل مىنېرال بولۇپ، ياقۇت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاليۇمىن ئوكسىدتىن تۈزۈلگەن. ھەر ئىككىسى دانچىسىمان ياكى بەلدۇمباق شەكىلدىكى كرىستال جىسىم بولۇپ، قاتتىقلىق دەرىجىسىمۇ ئوخشاش، بۇ جەھەتتە ئالماستىنلا كېيىن تۇرىدۇ؛ قىزىل ۋە كۆك ياقۇت ھەمىشە تاغ جىنسلىرى ئىچىدە بىللە ھاسىل بولىدۇ، خۇددى قوشكېزەك ئاچا - سىڭىللارغا ئوخشايدۇ. قىزىل ياقۇتنىڭ تەركىبىدە ناھايىتى ئاز مىقداردا خروم بولغانلىقى ئۈچۈن ئوچۇق قىزىل رەڭدە بولىدۇ؛ كۆك ياقۇتنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن ئاز مىقداردا تىتان بولغانلىقى ئۈچۈن ئاچ كۆك رەڭدە بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم كۆك ياقۇتلارنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بولغانلىقتىن، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق،يېشىل، بىنەپشە، ھال رەڭلەردە بولىدۇ.
قىزىل ياقۇتنىڭ مەھسۇلاتى ئاز، كرىستال دانچىلىرى ئۇششاق، بىر تال دانچىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى كۆپىنچە بىر كاراتتىن تۆۋەن بولىدۇ، ئىككى كاراتتىن ئاشىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز، بەش كاراتتىن ئاشىدىغانلىرى يوق دېيەرلىك. كەپتەر قېنى رەڭلىك قىزىل ياقۇت ئەڭ مەشھۇر، ئۇ ئالماستىنمۇ قىممەتلىك. دۇنيادىكى بىردىنبىر ئالاھىدە چوڭ قىزىل ياقۇت بېرمىدا بايقالغان بولۇپ، ئېغىرلىقى3450 كارات كېلىدۇ؛ كەپتەر قېنى رەڭلىك ئەڭ چوڭ قىزىل ياقۇتنىڭ ئېغىرلىقى پەقەت55 كارات كېلىدۇ.
قىزىل رەڭدىن باشقا ھەرقانداق رەڭدىكى ياقۇتلارنىڭ ھەممىسى كۆك ياقۇت دەپ ئاتىلىدۇ. كۆك ياقۇتلار ئىچىدە زەڭگەر رەڭلىكى ئەڭ ئېسىل ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆك ياقۇت كرىستالى سىرى لانكىدىكى قۇم كانىدا بايقالغان بولۇپ، ئېغىرلىقى19 كىلوگرامغا يېتىدۇ. دۇنيادىكى يەنە بىر تال داڭلىق كۆك ياقۇتنىڭ ئېغىرلىقى330 كارات بولۇپ، »ئاسىيا يۇلتۇزى« دەپ تەرىپلىنىدۇ، تاراشلانغاندىن كېيىن ۋال - ۋۇل چاقنايدۇ.
قىزىل ياقۇت بىلەن كۆك ياقۇت ئاساسلىقى ئاليۇمىن ئوكسىد مول، لېكىن سىلىكا كەمچىل بولغان ماگماتىتلاردا دائىم بىللە ھاسىل بولىدۇ. قاتتىق تاغ جىنسلىرىنى قازغاندا ياقۇت كرىستالى ئاسانلا يېرىلىپ كېتىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ماگماتىتلاردىن شەكىللەنگەن قۇم كانلىرى قىزىل، كۆك ياقۇتلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيادىكى قىزىل، كۆك ياقۇت چىقىدىغان ئەڭ مەشھۇر جاي بېرمىنىڭ موگوك رايونى ۋە پاكىستاننىڭ خۇنزا رايونىدۇر. سرى لانكا ياقۇت دۆلىتى بولۇپ، ھۆكۈمەت تېرىقچىلىق قىلغاندىن سىرت، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا يەرگە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ، دۆلەت زېمىنىدىكى ياقۇتلارنىڭ مەلۇم ئادەملەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
ئېلىمىزنىڭ خەينەن ئۆلكىسى، چىڭخەي ئۆلكىسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىرىدە قىزىل، كۆك ياقۇت كان بەلۋىغى بايقالدى. شىنجاڭنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدىن1 ×7.2×5.2 سانتىمېتىر كېلىدىغان چوڭ قىزىل ياقۇت بايقالدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى ليۇخې ناھىيىسىدىن115 كارات كېلىدىغان كۆك ياقۇت كرىستالى بايقالدى.1981 - يىلى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەننەن رايونىدىن تۆت دانە ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك يۇلتۇز نۇرلۇق كۆك ياقۇت تېپىلدى.
قىزىل ياقۇت قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، سۈركىلىشكە چىداملىق بولغاچقا، كىشىلەر ھەمىشە ئۇنىڭدىن مېخانىكىلىق سائەتنىڭ ئوق قازىنىنى ياسايدۇ. مېخانىكىلىق قول سائەتتىكى «تاش سانى» قىزىل ياقۇتتىن ياسالغان ئوق قازان سانىنى كۆرسىتىدۇ. سانى قانچە يۇقىرى بولسا، سائەت شۇنچە توغرا ماڭىدۇ. قىزىل ياقۇتنى يەنە لازېر نۇرى ھاسىل قىلغۇچ قىلىشقا بولىدۇ.