ھېقىق
ھەرخىل ياقۇتلار
قەدىمكى ھىندىستانلىقلار ھېقىقنىڭ رەڭگى ۋە نەپىس سىزىقلىرىنىڭ ئات مېڭىسىگە ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئات مېڭىسىدىن ئۆزگەرگەن تاش ئوخشايدۇ دەپ قارىغان، شۇڭا سانسكرىت تىلىدا ئۇنى «ئات مېڭىسى» دەپ ئاتىغان.
ھېقىق سىلىكانىڭ كوللوئىد قاتمىسى بولۇپ، ئادەتتە يۇمىلاق شەكىلدىكى مەركەزداش يىپەك يىپسىمان ياكى پاراللېل تاسمىسىمان قۇرۇلمىلىق بولىدۇ. ئۇ خرۇستالدىن قاتتىق. بۇ خىل قاتتىق، زىچ، سىپتا، رەڭگى كۆركەم گۆھەر ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئويۇپ ياساشتىكى ئېسىل خام ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
ھېقىق يانار تاغ ماگمىلىرىنىڭ ھاۋا كاۋاكچىلىرىدا ياكى باشقا تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىقلىرىدا ھاسىل بولىدۇ. ئۇ سىلىكانىڭ كوللوئىد ئېرىتمىسىنىڭ كاۋاكچە دىۋارىنى بويلاپ بىر قەۋەت - بىر قەۋەتتىن تىنىپ قېتىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. ھەرقايسى قەۋەتلەردىكى ئارىلاشمىلار ئوخشىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، رەڭگى ۋە سىزىقچىلىرى ھەر خىل بولىدۇ، شۇڭا ھېقىقنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈرلىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆك، يېشىل تۈرلىرى بىرقەدەر ئاز ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ئىنچىكە قىزىل - ئاق سىزىقلىق ساردونىكس (ھېقىقنىڭ بىر خىلى) ۋە مەركىزىي خالتىسىدا يانار تاغ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان سۇيۇقلۇقى بار «سۇلۇق ھېقىق» ئەڭ قىممەتلىك.
ھېقىق قىممەتلىك زىننەت بۇيۇمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە سۈركىلىشكە چىداملىق قازان - قومۇچ ۋە كومپاس قاتارلىق نازۇك ئەسۋابلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە كۆز قىزىرىپ ئىششىش، شەلۋەرەش ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيادىكى ھېقىق چىقىدىغان مەشھۇر جايلاردىن ئۇرۇگۋاي، برازىلىيە، ھىندىستاننىڭ دېككان ئېگىزلىكى ۋە ئەرەبىستان قاتارلىق جايلار بار. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شۈنكې ناھىيىسى ئېلىمىزنىڭ «ھېقىق ماكانى» دۇر. شىنجاڭدىن چىقىدىغان ھېقىقنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. يېقىنقى يىللاردا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شېننۇڭجيا رايونىدىن چوڭ تىپتىكى ھېقىق كانى بايقالدى.1987 - يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىمالىدىكى ئىنسان ئايىغى يەتمىگەن قۇملۇقتا كۆلىمى ئالتە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىر قۇرۇق كۆل بايقالدى، تەكشى كەتكەن كۆل ئاستىنى رەڭگارەڭ ھېقىق ۋە زۇمرەتلەر قاپلىغانلىقتىن، «ھېقىق كۆلى» دەپ ئاتالدى.
قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى ئەدىبلەر مەدھىيىلەپ كېلىۋاتقان يۈيخۇا تېشى ئەمەلىيەتتە ھېقىق تەركىبلىك شېغىلدۇر. نەنجىڭدىكى يۈخۇاتەينىڭ ئەتراپىدىكى يۈيخۇا تېشىنىڭ كېلىش مەنبەسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ھېقىق چىقىدىغان تاغ گەۋدىسى بولۇپ، شامال، ئېقىن سۇلارنىڭ يالىشى ۋە قۇم - شېغىللارنىڭ تەكرار دومىلاپ ئۆزئارا سۈركىلىشى نەتىجىسىدە يۇپيۇمىلاق چىرايلىق شېغىل تاشلار شەكىللەنگەن.