ئوپال
ھەرخىل ياقۇتلار
ئوپال تەركىبىدە سۇ بولغان سىلىكانىڭ ئۇيۇم جىسمى بولۇپ، شەكلى پىشقان تۇخۇم ئېقىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئوپال ئارىلاشما تەركىبلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل رەڭلەردە بولىدۇ، فلۇئورېسسېنسىيىلىك چىراغ نۇرىدا فوسفور نۇرى ھاسىل قىلىدۇ. كىشىلەر ئوپالدىن ياقۇت پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ ياكى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئويىدۇ.
ئوپالنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، سۇس ئاق سېرىق ياكى سۇس كۆك رەڭلىك ئوپال «قىممەتلىك ئوپال» دېيىلىدۇ؛ سۈتتەك ئاق، ئاساسىي رەڭگى ئۆزگىرىدىغان ئەتىۋارلىق ئوپال «ئاق ئوپال» دەپ ئاتىلىدۇ. مېكسىكىدىن چىقىدىغان بۇ خىل ئوپال ئەڭ داڭلىق؛ ئاساسىي رەڭگى سېرىق، ئاپېلسىن رەڭ ۋە بېغىر رەڭلىك ئوپال «چوغ ئوپال» دېيىلىدۇ؛ ئاساسىي رەڭگى قارا ئوپال »قارا ئوپال« دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ناھايىتى ئەتىۋارلىق؛ مەركەزداش بەلۋاغسىمان ئوچۇق يېشىل رەڭلىك، رەڭگى ئۆزگىرىدىغان ئوپال «مۈشۈككۆز ئوپال» دەپ ئاتىلىدۇ.
غەربلىكلەر ئوپال بىلەن تۇرمالىننى ئۆكتەبىردىكى تۇغۇلغان كۈنگە سىمۋول قىلىنغان ئېسىل تاش ھېسابلايدۇ. ياپونلار ئوپالغا خۇمار بولۇپ، ئۇنى ساداقەت ۋە ئۈمىدنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.
ئوپال نېمە ئۈچۈن رەڭ ئۆزگەرتىدۇ؟ ئالىملار20 مىڭ ھەسسىلىك ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ بۇ سىرنى يېشىپ بەردى. ئەسلىدە ئوپال دىئامېتىرى1500 ئانگسترېمدىن4000 ئانگسترېمغىچە بولغان (بىر ئانگسترېم8 -10 سانتىمېتىرغا تەڭ) سىلىكالىق شارسىمان دانچىلارنىڭ تەكشى تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان. بۇ شارسىمان دانچىلار يورۇقلۇقتا دىفراكسىيىلىنىپ، ئاق نۇرنى خىلمۇخىل رەڭلەرگە ئاجرىتىدۇ.
ئوپالنى پىششىقلاپ ئىشلەپ يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى ناھايىتى كۆركەم بولىدۇ. بىراق ئوپال ئىسسىق ۋە قۇرغاققا چىدامسىز بولۇپ، مۇبادا نەملىكنى يوقاتسا يېرىلىپ ئۇۋۇلۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى دائىم سۇ ئىچىدە ساقلاش كېرەك.
ئاۋسترالىيىدىن چىقىدىغان ئوپالنىڭ سۈپىتى ياخشى، مىقدارى كۆپ بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %98 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوپال چىقىدىغان دۆلەتلەردىن يەنە ھىندىستان («ئوپالنىڭ ئانا ۋەتىنى» دەپ ئاتىلىدۇ)، چېخ، سلوۋاكىيە، مېكسىكا، ئا ق ش، برازىلىيە قاتارلىقلار بار.