خرۇستال
ھەرخىل ياقۇتلار
خرۇستال سۇدەك سۈزۈك ھەم پارقىراق. ئەپسانە - چۆچەكلەردە سۇ ئىلاھىنىڭ دېڭىز ئاستىدىكى خان سارىيى «خرۇستال ئوردا» دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە خرۇستال سۇ ئاستىدىكى سۇ ئىلاھى ئوردىسىدا بولماستىن، تاغلاردىكى ئۆڭكۈرلەردە بولىدۇ.
خرۇستال رەڭسىز، سۈزۈك كۋارتس تۈۋرۈكىسىمان كرىستال بولۇپ، كۆرۈنۈشى ئەينەككە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ ئەينەكتىن قاتتىق، خىمىيىلىك تەركىبى سىلىكادىن ئىبارەت. كۆڭۈلدىكىدەك كرىستال شەكلى ئالتە قىرلىق تۈۋرۈكسىمان ياكى ئالتە قىرلىق قوش كۇنۇسسىمان بولىدۇ. خرۇستال كرىستالى تاش ئۆڭكۈرلەردە يېتىلىدۇ، ئۇ يېتىلىش جەريانىدا يېتەرلىك بوشلۇققا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆڭكۈر تېمىغا تايىنىشى زۆرۈر، شۇڭلاشقا بىز ئۇچراتقان تەبىئىي خرۇستال كرىستالىنىڭ ھەمىشە ئۈستۈنكى بۆلىكىنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى مۇكەممەل بولىدۇ، ئاستىنقى بۆلىكىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمايدۇ. چوڭ خرۇستال بىرقانچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ.1958 - يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسى دۇڭخەي ناھىيىسىدىن ئېغىرلىقى5 .3 توننا كېلىدىغان «جۇڭگو خرۇستال شاھى» تېپىلغان بولۇپ، ھازىر بېيجىڭ گېئولوگىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. برازىلىيىنىڭ ئىتاپوردىكى بىر پارچە خرۇستالنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 .5 مېتىر، دىئامېتىرى5 .2 مېتىر، ئېغىرلىقى40 نەچچە توننا كېلىدۇ. ماداگاسكار ئارىلىدىن يەنە ئايلانما ئۇزۇنلۇقى سەككىز مېتىر كېلىدىغان زور خرۇستال كرىستالى بايقالدى.1880
- يىلى فرانسىيىلىك خىمىك پيېر كيۇرى ئىنىسى جاككۋېس كيۇرى بىلەن خرۇستالنى نېپىز كېسىپ ئىككى پارچە مېتال تاختىنىڭ ئارىلىقىغا قويۇپ، بېسىم بېرىش ۋە سوزۇش تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن ۋاقىتتا، خرۇستال پارچىسىنىڭ ئىككى يۈزىدە مۇسبەت ئېلېكتر ۋە مەنپىي ئېلېكتر ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار بۇ خىل ھادىسىنى »پيېزو ئېلېكتر ھادىسىسى« دەپ ئاتىغان، بۇ ئاددىي كرىستاللىق خرۇستالنىڭ سىمسىز تېلېگراف سانائىتىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلىشىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى. ئاددىي كرىستاللىق كرېمنىي پارچىسىدىن ياسالغان رېزوناتور ۋە دولقۇن سۈزگۈچ ئېلېكترون سانائىتى، ئاپتوماتىك قورال، باشقۇرۇلىدىغان يادرو قورالى، سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق ئىلغار سانائەتلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.
خرۇستال خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن، پيېزو خرۇستال، ئوپتىكىلىق خرۇستال، ھۈنەر - سەنئەت خرۇستالى ۋە تاۋلاش خرۇستالى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئوپتىكىلىق خرۇستال ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تۈرلۈك ئەسۋابلار ۋە كۆزەينەك ئەينىكى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. ھۈنەر - سەنئەت خرۇستالىدىن نەپىس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ، بۇ بۇيۇملار ناھايىتى ئۆزگىچە. بەزىلەر خاتا ھالدا خرۇستال مېيىت ساندۇقىنى چوڭ خرۇستال كرىستالىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياسالغان، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ خرۇستالنى ئېرىتىپ قۇيۇپ ياسالغان.
خرۇستالدىن ئويۇپ ياسالغان ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ئىچىدە خرۇستال توپ ئەڭ داڭلىق. خرۇستال ئىسسىقلىقنى ناھايىتى تېز ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى سىلىغان ۋاقتىمىزدا دائىم سوغۇق بىلىنىدۇ.
خرۇستالنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە تۆمۈر، مانگان، تىتان، كاربون قاتارلىق ئارىلاشمىلار بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ بىنەپشە بىللۇر، سېرىق خرۇستال، ئەتىرگۈل خرۇستال، سارغۇچ قوڭۇر كۋارتس، سىترىن ۋە قارا كۋارتس قاتارلىق كۆپ خىل ئۆزگەرگەن تۈرلىرى بار.
برازىلىيە خرۇستال كۆپ چىقىشى بىلەن مەشھۇر. ئېلىمىزدە خرۇستال چىقىدىغان جايلار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ياڭجياۋلىڭ ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭخەي ناھىيىسى خرۇستال چىقىدىغان مۇھىم جاي ھېسابلىنىدۇ. گۇيجۇدىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئوپتىكىلىق خرۇستال زاپاس مىقدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ