تۇركۋويس
ھەرخىل ياقۇتلار
تۇركۋويسنىڭ شەكلى قارىغاي مەدىكىگە، رەڭگى تۇتۇق يېشىل رەڭگە مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇركۋويس (石松绿) دەپ ئاتالغان. قەدىمكى دەۋرلەردە پېرسىيە (ھازىرقى ئىران) دىن چىقىدىغان تۇركۋويس ئەڭ مەشھۇر ئىدى، ئۇنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە توشۇلاتتى، شۇڭا «تۈركىيە قاشتېشى» دەپمۇ ئاتالغان.
تۇركۋويس تەركىبىدە مۇئەييەن سۇ بولغان ئاليۇمىن - مىس فوسفات مىنېرالى، ئۇ ئالما يېشىلى، كۆكۈچ يېشىل ياكى ھاۋا رەڭ بولىدۇ، سەل سۈزۈك ياكى تۇتۇق، چۈرۈك كېلىدۇ. تۇركۋويس ئىسسىقلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن سۇسىزلىنىپ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ؛ رەڭلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئاسانلا سىڭىشىپ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ؛ ئۇزاق مۇددەت قۇرغاق جايدا تۇرسا رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدۇ.
تۇركۋويس ئاساسلىقى ئىران، ھىندىستان، تۈركىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ. ئا ق ش بىلەن مىسىر ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئېلىمىزدە تۇركۋويس ئاساسلىقى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۈنشيەن ناھىيىسى، يۈنشى ناھىيىسى ۋە جۇشەن ناھىيىسى ئەتراپىدىن چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە يۈنشيەن ناھىيىسىدىكى يۈنگەيسىدا ئەڭ كۆپ بولۇپ، سۈپىتى ئەلا، ئۇ چەت ئەللەردە »جىڭجۇ قاشتېشى« دەپ تەرىپلىنىدۇ. يۈنشيەن ناھىيىسىدىن چىقىدىغان تۇركۋويس توخۇ كاتىكىسىمان بىر خىل كاللەك مىنېرال بولۇپ، قاتتىق تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىقچىلىرىدا بولىدۇ. تاغ جىنسىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر كۇب مېتىر قازغاندا،100 گرام تۇركۋويسقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ ياڭاق ياكى ئالمىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ، چوڭراقلىرى ئاز، نۆۋەتتە قېزىلغانلار ئىچىدە ئەڭ چوڭى35 كىلوگرام ئېغىرلىقتا بولۇپ، دۇنيادا كەم ئۇچرايدۇ. ھاۋا رەڭ، دېڭىز كۆكى، سۇس ھاۋا رەڭ، توق يېشىل، ياپيېشىل، سۇس يېشىل قاتارلىق رەڭلەردە كۆركەم، سىلىق، نەپىس بولىدۇ. ئۇششاق تۇركۋويستىن مارجان، كۆز مونچاق، ئۈزۈك كۆزى قاتارلىقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ، چوڭلىرىدىن قۇش، ھايۋانات، گۈل - گىياھ، ئادەم ھەيكىلى قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئويۇپ ياسىغىلى بولىدۇ، سۈپەتسىزلىرىنى جۇڭگوچە رەسىمنىڭ بوياق ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ.
تاڭ سۇلالىسىدە مەلىكە ۋېنچېڭ شىزاڭغا كەلگەندە، زور مىقداردا تۇركۋويسنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، لخاسا زۇگلاكاڭ ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلىگەن. زاڭزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ ۋە غەربىي جەنۇبتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمدىن تارتىپ تۇركۋويستىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ئەتىۋارلاپ كەلگەن. تۇركۋويسنىڭ پارس تىلىدىكى مەنىسى «تەڭداشسىز بەخت ياراتقۇچى» بولغاچقا، ھەرقايسى ئىسلام دىنى دۆلەتلىرىدە ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. غەرب ئەللىرىدە تۇركۋويس دېكابىردىكى تۇغۇلغان كۈنگە سىمۋول قىلىنغان ئېسىل تاش ھېسابلىنىدۇ.