ئالماس
ھەرخىل ياقۇتلار
ئالماس تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ قاتتىق مىنېرال، ئۇ پارقىراق ھەم چىرايلىق، مىقدارىمۇ ناھايىتى ئاز، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ياقۇت شاھى دەپ تەرىپلەيدۇ.
قاتتىق ھەم چىرايلىق ئالماس بىلەن يۇمشاق ھەم سىلىق بولغان سۈرمە تاش قېرىنداش ئاكا - ئۇكىلار بولۇپ، ئوخشاش بىر ئانا جىسىم − كاربوندىن ھاسىل بولغان. پەقەت شەكىللىنىش شارائىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، بۇ »ئاكا - ئۇكىلار« نىڭ تۇرقى، مىجەزى ئوخشىمايدۇ. ئالماس يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ( ℃ 1800) ۋە يۇقىرى بېسىم (70 مىڭ ئاتموسفېرا بېسىمى) شارائىتىدا شەكىللەنگەن، ئۇنىڭدىكى كاربون ئاتوملىرى ناھايىتى مۇستەھكەم ھەم قانۇنىيەتلىك تىزىلغان، شۇڭا ئالماس قاتتىقلىق دەرىجىسى، ئېرىش نۇقتىسى ۋە ئىزولياتسىيىلەش ئىقتىدارى يۇقىرى، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق، كىسلاتا ۋە ئىشقارنىڭ چىرىتىشىگە چىداملىق بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئالماسنىڭ كرىستال يۈزى ۋە پارقىرىتىلغان يۈزى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك نۇرلۇق بولۇپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر ياكى X نۇرى ئاستىدا ھاۋا رەڭ ۋە بىنەپشە رەڭ يالتىراق نۇر چىقىرىدۇ، ئاپتاپقا قاقلىغاندىن كېيىن قاراڭغۇ ئۆيگە قويۇپ قويغاندا، سۇس كۆك رەڭلىك فوسفور نۇرى تارقىتىدۇ، شۇڭا ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى كىشىلەر ئۇنى »نۇرلۇق مەرۋايىت« دەپ ئاتىغان. بىباھا بىليارت ئالماستىن تاراشلاپ ياسالغان.
ئالماس يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى ماگما ئىچىدە شەكىللىنىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە يۇقىرى بېسىم تەسىرىدە، ماگما ئىچىدىكى بىرلەمچى كاربوننىڭ كرىستاللىشىشىدىن ئالماس ھاسىل بولىدۇ. يەر پوستى ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ماگما ئالماس دانچىلىرىنى ئېلىپ، يېرىلما بەلۋاغلارنى بويلاپ يەر يۈزىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە مۇۋاپىق ئورۇندا سوۋۇپ قېتىشىپ ماگماتىتلارنى ھاسىل قىلىدۇ، مانا بۇ ئالماس رۇدىسىدۇر. بۇ خىل تاغ جىنسى ئەڭ دەسلەپتە1870 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كىمبېرلى شەھىرى ئەتراپىدا بايقالغان، شۇڭا گېئولوگلار ئۇنى »كىمبېرلى تاغ جىنسى« دەپ ئاتىغان.1979 - يىلى ئاۋسترالىيىدە ئالماسنىڭ باشقا بىر خىل مەنبە جىنسى بايقالغان بولۇپ، لامپرويېت دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئالماس تەركىبى ۋە كۆلىمى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭكىدىن يۇقىرى.
دۇنيادىكى ئالماس ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئاۋسترالىيە بىلەن بوتسۋانا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە بىرلەمچى ئالماس كانلىرى بار. ئېغىرلىقى786 .158 كاراتلىق چاڭلىن بىليارتى1977 - يىل12 - ئاينىڭ21 - كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنشۇ ناھىيە تەۋەسىدە بايقالغان.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالماسلار ناھايىتى كىچىك بولىدۇ. بىر كاراتتىن (2.0 گرامغا تەڭ) چوڭ بولغانلىرى چوڭ بىليارت ھېسابلىنىدۇ؛100 كاراتتىن ئاشىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، كىشىلەر ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلايدۇ. ھازىرغىچە دۇنيادا بايقالغان ئېغىرلىقى324 كاراتتىن ئاشىدىغان تەبىئىي ئالماستىن پەقەت نەچچە ئون تال بار. ئالماسنىڭ باھاسى ئالتۇندىن قىممەت، خەلقئارا بازاردا بىر كارات ئالماسنىڭ باھاسى ئىككى توننا گۈرۈچنىڭ باھاسىغا تەڭ كېلىدۇ.
ئالماسنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى مىسقا قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى، ئۇ ئېلېكترون تېخنىكىسى ۋە لازېر نۇرى تېخنىكىسىدىكى سۈپەتلىك ئىسسىقلىق تارقىتىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، ھەمىشە گېئولوگىيىلىك بۇرغىلاپ تەكشۈرۈشتە بۇرغا ئۇچى ۋە مېتاللارنى كېسىدىغان قورال قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، ئالماس ناھايىتى ئۆتكۈر ھەم ئاسان قىزىپ كەتمەيدۇ. ھازىر كىشىلەر سۈنئىي ئۇسۇلدا ئالماس ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى.1987
- يىلى ئالىملار ئاقار يۇلتۇزلاردىن مىكرو دانچىلىق ئالماسلارنى بايقىدى، بۇ ئالەم بوشلۇقىدىمۇ ئالماسنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.