زۇمرەت
ھەرخىل ياقۇتلار
زۇمرەتنىڭ مىنېرال نامى بېرىل بولۇپ، بېرىللىي بىلەن ئاليۇمىننىڭ سىلىكات مىنېرالىدۇر. رەڭگى چىرايلىق، سۈزۈك، يېرىم سۈزۈك بولغان بېرىلنى ياقۇت دېيىشكە بولىدۇ، ئومۇملاشتۇرۇپ يېشىل ياقۇت دەپ ئاتىلىدۇ. ياپيېشىل، سۈزۈك زۇمرەت ھەممىدىن قىممەتلىك.
يېشىل ياقۇتنىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق، قاتتىقلىق دەرىجىسى ئالماس ۋە ئاليۇمىن ئوكسىدتىنلا كېيىن تۇرىدۇ، كرىستالى كىچىكرەك، ئۇزۇنچاق، تۈۋرۈكسىمان كېلىدۇ. چوڭلۇقى5 .0 كاراتتىن ئاشىدىغان ئەلا سۈپەتلىكلىرى ئالماستىنمۇ قىممەتلىك. ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك زۇمرەتلەرنىڭ ئىچىدە ئېغىرلىقى ئىككى كاراتتىن ئاشىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز. ئەلا سۈپەتلىك زۇمرەت ياپيېشىل، سۈپسۈزۈك، پارقىراق بولۇپ، ئادەمنى مەھلىيا قىلىدۇ، بولۇپمۇ شەرقتىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇنى ناھايىتى ياقتۇرىدۇ.
ياقۇتنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ تەبىئىيلىكىدە. تەبىئىي زۇمرەت ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئاستىدا قىزىل يالتىراق نۇر چاچىدۇ. سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگىنى كۈچلۈك تۇتۇق قىزىل يالتىراق نۇر چاچىدۇ.
زۇمرەت كانى بېرىللىي تەركىبلىك گرانىتلىق ماگما بىلەن خروم مول، لېكىن سىلىكا كەمچىل بولغان ئۇلترا ئاساسلىق جىنسلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرىدىن شەكىللەنگەن.
دۇنيادا زۇمرەتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ناھايىتى ئاز. كولومبىيە دۇنيا بويىچە زۇمرەت چىقىدىغان ئاساسلىق رايون بولۇپ، دۇنيا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %90 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىن رەڭسىز يېشىل ياقۇت چىقىدۇ، ئەڭ ئېغىرى40 مىڭ كاراتقا يېتىدۇ. سىرتىدىن قارىغاندا ياقۇت «قورسىقى» دىكى تەۋرىنىۋاتقان سۇيۇق جىسىمنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان گۆھەر سۇلۇق يېشىل ياقۇت دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى دۆلەتلەر زۇمرەتنى دۆلەت پۇل فوندىنىڭ گۆھىرى قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زۇمرەتمۇ لازېر نۇرى تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.