UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل ياقۇتلارمۈشۈككۆز

مۈشۈككۆز

ھەرخىل ياقۇتلار مۈشۈككۆز «شەرق مۈشۈككۆزى»، «سەيلون (سرى لانكا) مۈشۈككۆزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۈشۈككۆز، ئالماس، قىزىل ياقۇت، كۆك ياقۇت، زۇمرەت قاتارلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى بەش چوڭ قىممەتلىك گۆھەر دەپ ئاتىلىدۇ. سارغۇچ يېشىل مۈشۈككۆز بىر خىل ھەرىكەتچان نۇرلۇق سارغۇچ يېشىل گۆھەر تاش. ئۇ سۇس يېشىل سارغۇچ ياكى سۇس يېشىل سارغۇچ دارچىن رەڭ، ئەينەكتەك پارقىراق، يېرىم سۈزۈك ياكى سۈزۈك، خرۇستالدىن قاتتىق، قىزىل ۋە كۆك ياقۇتتىن يۇمشاق بولىدۇ. سىلىقلاپ يېرىم شارسىمان ياكى يېرىم ئېللىپسوئىد ھالەتكە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن شار مەركىزىدە چاقناپ تۇرىدىغان يورۇق باغ پەيدا بولىدۇ. گۆھەر تاشنى ئايلاندۇرغان ۋاقىتتا، بۇ يورۇق باغمۇ ھەرىكەتلىنىدۇ، شەكلى مۈشۈكنىڭ كۆزىدىن دائىم چاقناپ تۇرىدىغان نۇرغا ئوخشىغاچقا، «چاقناق مۈشۈك كۆز»، «ھەرىكەتچان نۇر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ «كۆز قارىچۇقى» دەك يورۇقلۇق بېغى قانداق ھاسىل بولغان؟ ئەسلىدە، نۇرغۇنلىغان گۆھەر تاشلارنىڭ ئىچىدە ئۇلار شەكىللەنگەن ۋاقىتتا ماگمىدىن كەلگەن قاتتىق، سۇيۇق ياكى گاز جىسىملار ساقلانغان بولىدۇ، بۇلار «خالتا تەنچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. گۆھەر تاشلارنى تاراشلاپ بېزەيدىغان ھۈنەرۋەنلەر ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت جەريانىدا گۆھەر تاشلارنى پىششىقلاپ يايسىمان ھالەتكە كەلتۈرگەن ۋاقىتتا، چاچتەك كىچىك خالتا تەنچىلىرىنىڭ ۋېرتىكال ھالەتتە ئوتتۇرىدا چۈشكەن نۇرلارنى مەركەزلىك قايتۇرۇپ بىر دەستە كۈچلۈك يورۇقلۇق ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ خۇددى مەيىن دولقۇنلۇق كۆل سۈيىنىڭ ئەتىگەنكى ياكى كەچكى شەپەق نۇرىدا باغسىمان نۇر قايتۇرغىنىغا ئوخشايدۇ. سارغۇچ يېشىل گۆھەر تاشنىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق ھەم سۈركىلىشكە چىداملىق بولغانلىقى ئۈچۈن، دائىم گرانىت تاشلاردىن شەكىللەنگەن قۇم كانلىرىدا توپلىنىدۇ. مەشھۇر سرى لانكا مۈشۈككۆزىمۇ قۇم كاندىن قىزىۋېلىنغان. بېيجىڭ گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ گۆھەرخانىسىدىكى ئالتۇن مۇنار ئۇچىغا بىر دانە مۈشۈككۆز قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دۇڭلىڭدىكى چيەنلۇڭ خان قەبرىسىدىنمۇ مۈشۈككۆز چىققان. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى مۈشۈككۆزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سرى لانكىدىن كىرگەن. يېقىنقى يىللاردا سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا ئوبلاستىدىن سارغۇچ يېشىل گۆھەر تاش بايقالدى. ئېلىمىزنىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى خۇاليەن ناھىيىسىنىڭ فېڭتيەن كان رايونىدىن چىقىدىغان «تەيۋەن قاشتېشى» مۇ مۈشۈككۆزدەك چاقنايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل ياقۇتلار
مۈشۈككۆز | UyghurWiki | UyghurWiki