دالا ئاپتوموبىلى ۋە مۇسابىقە ئاپتوموبىلى
ھەرخىل ماشىنىلار
ئەڭ بۇرۇنقى دالا ئاپتوموبىلى جىپ ماشىنىسى ئىدى، بۇ ئاتالغۇ ئىنگلىزچە «peeJ» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى.2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ھەربىي لازىمەتلىكلەر بۆلۈمى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ئۈچۈن، يېنىك تىپتىكى مۇشۇنداق ماشىنىنى ئالاھىدە ياسىغان. ئۇ يولى ناچار دالىلاردا يۈرۈشكە باب كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، دالا ئاپتوموبىلى دەپ ئاتالغان.
دالا ئاپتوموبىلى پۇختا، يەردىن ئېگىز، تۆتىلا چاقى سۆرەيدۇ، چاق ئارىلىقى چوڭ، °60 لۇق يانتۇلۇقلاردا يۈرەلەيدۇ، تېيىز دەريالاردىن ئۆتەلەيدۇ. ئۇنىڭ سايىۋىنىنى قاتلىغىلى، ئالدىدىكى شامال توسۇش ئەينىكىنىمۇ ياتقۇزغىلى بولىدۇ، مۇنداق بولغاندا يېنىك تىپتىكى قوراللار ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قاچىلىغىلى بولىدۇ. برون تاختا بىلەن قاپلاپ، ئۇرۇشتا ئىشلەتكىلى، سۇدىن مۇداپىئەلىنىش قېپى ۋە پىرقىرىغۇچ ئورنىتىپ، سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ھەربىي قوماندانلىق قىلىش، سەييارە چارلاش، رازۋېدكا قىلىش، ئۇرۇش مەيدانىدا يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە يېنىك تىپتىكى قوراللارنى سۆرەشكە باب كېلىدۇ.
يەنە بىر خىل جىپ ماشىنىسى بار، ئۇنىڭ پىكاپقا ئوخشاش قاتتىق سايىۋىنى ۋە ئازادە ماشىنا ئىچى ئەسلىھەلىرى بار، يەنە خېلى كۈچلۈك دۆڭگە يامىشىش ئىقتىدارى بار، ئۇ ھەر خىل دالا مەشغۇلاتلىرى ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە ماس كېلىدۇ.
ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ھەر خىل ئاپتوموبىللارنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشتىن باشلانغان، كېيىنچە مەخسۇس ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى بارلىققا كەلدى. ھازىر ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىنىڭ تېزلىك مۇسابىقىسى، تارتىش كۈچى مۇسابىقىسى، ئادەتتىكى تېزلىك مۇسابىقىسى ۋە يۈك ماشىنىسى مۇسابىقىسى دېگەندەك تۈرلىرى بار. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ شەكلى ۋە ئىقتىدارى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، قۇرۇلمىسىمۇ پەرق قىلىدۇ، ھەممىسى مۇسابىقە تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇپ مەخسۇس لايىھىلەنگەن.
تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىدىغان ئاپتوموبىل مۇسابىقىلىرىدىكى ئاپتوموبىللار قوڭغۇزغا ئوخشاش بولۇپ، يوغان تۆت چاقى، ماشىنا گەۋدىسى بەك پاكار بولۇپ، ئادەتتە بىرلا كىشى ئولتۇرىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ چاقى ماشىنا گەۋدىسىدىن ئېگىز ۋە كەڭ بولىدۇ، مۇنداق ئاپتوموبىللارنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى تۆۋەن بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مۇنداق مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىنىڭ مەشغۇلاتى جانلىق، سۈرئىتى تېز بولۇپ، شوپۇرلارنىڭ ياخشى تېخنىكىسى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.