UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل ماشىنىلارئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل

ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل

ھەرخىل ماشىنىلار مۇنداق ئاپتوموبىلغا ئاۋازدىن تېز ئايروپىلاننىڭكىگە ئوخشاش راكېتا ماتور ئورنىتىلغان بولۇپ، تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەڭ تېز بولغاندا سائىتىگە1190 كىلومېترغا يېتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ قانىتى بولمايدۇ، يەردە ئۈچ چاقى بىلەن چاپىدۇ. شۇڭلاشقا ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل دەپ ئاتالغان. ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىلنى ئامېرىكىلىق بىل فرېدرىخ تەتقىق قىلىپ ياسىغان، ئۇ20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدا كىنو ئالاھىدە تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، راكېتانى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش ئارقىلىق، ماشىنىنى ھاۋاغا چىقىرىشنى تەتقىق قىلغان. ئۇ راكېتا پۈركىگەن گازنى كىشىلەرگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن، ياسىغان راكېتاسىغا ھىدروگېن پروكسىد دەپ ئاتىلىدىغان يېقىلغۇ ئىشلەتكەن، مۇنداق قىلغاندا راكېتا پۈركىگەن گازنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. كېيىن، ئۇ ئاۋاز تېزلىكىدىن ئېشىپ چۈشۈشنى نىشان قىلغان ۋە1979 - يىل12 - ئاينىڭ بىر كۈنى بۇ نىشانغا يەتكەن. ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىلنىڭ كۆرۈنۈشى ياتقۇزۇپ قويۇلغان راكېتاغىلا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ گەۋدىسى سىلىندىرسىمان بولۇپ، بېشى ئۇچلۇق، قۇيرۇقى شىنىسىمان يىغىلغان، ئاۋاز تېزلىكىگە يەتكەندە ھاۋادا شەكىللىنىدىغان زەربە دولقۇنىدىن بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ. كابىنكىسى قۇيرۇقىغا يېقىنراق يەردە بولۇپ، كابىنكا ئۈستىدە ئىككى مېتىردىن ئېگىزرەك تىك قانات بولىدۇ،10 مېتىردىن ئۇزۇنراق ئاپتوموبىل گەۋدىسى راكېتا ماتورىنىڭ يېقىلغۇ كامېراسى قىلىنىدۇ. سائەتلىك تېزلىكى724 كىلومېتىردىن تۆۋەن دائىرىدە بولغاندا، پۈتكۈل ماشىنا گەۋدىسى ئۇچرايدىغان قارشىلىق كۈچىنى ھېسابقا ئالمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، يالغۇز مۇنداق ئالاھىدە راكېتاغىلا تايانغاندا، ئاپتوموبىل تېزلىكىنى ئاۋاز تېزلىكىدىن ئاشۇرۇۋەتكىلى بولمايدۇ. فرېدرىخ ئاددىي بىر ئۇسۇل قوللىنىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىدىن بەزى ئارتۇقچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سېتىۋالدى. »شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان« دەپ ئاتىلىدىغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار كىچىك ۋە ئەپچىل بولۇپ، ئاپتوموبىل ماتورىنىڭ ئىچىگە ئورنىتىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىتتىرىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولاتتى. بۇ چاغدا ئىككى ئۈگىلىك راكېتاغا ئوخشاش بولۇپ، ئاپتوموبىلغا ھىدروگېن پروكسىد يېقىلغۇ قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ تېزلىكى خېلى ئاشتى، بۇ چاغدا يەنە ئىككىنچى ئۈگە بولغان «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» غا ئوت يېقىلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ تېزلىكى ئېشىپ، سائەتلىك تېزلىكى1190 كىلومېتىرغا يەتتى. ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىلنىڭ ئۈچ چاقىمۇ ئالاھىدە ماتېرىيالدىن ياسالغان. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، ئاپتوموبىل تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىگە يەتكەندە، دىئامېتىرى8 .0 مېتىر بولغان ئالدى چاق مىنۇتىغا9200 قېتىم ئايلىنىدىكەن، بۇ چاغدا چاقنىڭ سىرتقى يۈزى ئۇچرايدىغان مەركەزدىن قېچىش كۈچى2041 كىلوگرامدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، شۇ سەۋەبتىن، ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل چاقىغا ئاليۇمىن قېتىشمىسى ئىشلىتىلىپ، ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن پىششىقلاپ، سىجىللىقى3000 كىلوگرام مەركەزدىن قېچىش كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىنىدۇ. ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل ئەمەلىيەتتە راكېتا ئاپتوموبىل بولۇپ، ئۇنىڭ يول يۈزىگە قويىدىغان تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل ماشىنىلار
ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل | UyghurWiki | UyghurWiki