ترامۋاي ۋە تراللىبۇس
ھەرخىل ماشىنىلار
1834 - يىلى ئامېرىكىلىق داۋ نىپورت ئاتلىق بىر تۆمۈرچى ئاككۇمۇلياتورنى توك مەنبەسى قىلىدىغان كىچىك تىپتىكى بىر ئېلېكتر دۋىگاتېل ياسىدى، ئۇنىڭ بىلەن كىچىك ۋاگونلارنى رېلىستا قىسقا ئارىلىققا ماڭدۇرغىلى بولاتتى. ئەمما، باھاسى قىممەت، ئۈنۈمى تۆۋەن بولغانلىقتىن، يەنىلا ئات سۆرەيدىغان رېلىسلىق ھارۋىلار ئىشلىتىلدى. گېنېراتور كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن،19 - ئەسىرنىڭ90 - يىللىرىدىن باشلاپ، ياۋروپا، ئامېرىكىلاردا ترامۋاي (توك بىلەن ماڭىدىغان رېلىسلىق ئاپتوبۇس) رېلىسلىق ھارۋىلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى ھەم ئاسىيا، ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكىلىقلارنىڭ نۇرغۇن چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ بارلىققا كەلدى.
ترامۋايمۇ پويىزغا ئوخشاش تۆمۈر چاقىغا تايىنىپ رېلىستا ماڭىدۇ. رېلىسنىڭ باشقا ھارۋىلارنىڭ مېڭىشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، ئوتتۇرىسى ئويمان قىلىپ ياسىلاتتى، يەردىن چىقىپ تۇرمايتتى. ترامۋاي چاقى ئۈستىگە ئورنىتىلغان ئېلېكتر ماتورىنىڭ كۈچى بىلەن ماڭاتتى، توك لىنىيىسىدىكى توك ماشىنا ئۈستىدىكى ئۆرۈمە چاچقا ئوخشاش يىغقۇچى خادا ئارقىلىق ماشىنا ئىچىگە كىرىپ ترامۋاينى ھەرىكەتكە كەلتۈرەتتى؛ ئاندىن چاق ۋە رېلىس ئارقىلىق ئېلېكتر ئىستانسىسىغا قايتاتتى.
تەخمىنەن20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ترامۋايلارنىڭ كۆپىنچىسى تراللىبۇس (توك بىلەن ماڭىدىغان رېلىسسىز ئاپتوبۇس) قا ئورۇن بوشاتتى. تراللىبۇسنىڭ كۆرۈنۈشى ئاپتوبۇسقا ئوخشايدۇ، ئەمما، ماشىنا ئۈستىدە ئىككى تال «ئۆرۈمە چاچ» بار، ئۇلارنىڭ بىرى توك لىنىيىسىدىكى يۇقىرى بېسىملىق توكنى ئېلېكتر ماتورغا ئۇلاپ، ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ماشىنىنى ماڭدۇرىدۇ، بۇ توك يەنە بىر «ئۆرۈمە چاچ» ئارقىلىق ئېلېكتر ئىستانسىسىغا قايتىدۇ. تراللىبۇس ترامۋاينىڭ قوزغىلىشى تېز، مەشغۇلات قىلىشى قۇلاي، مۇھىت بۇلغىشى ئاز بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭغا رېلىس كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، يولنىڭ تەكشىلىكىنى بۇزمايدۇ ۋە باشقا ماشىنىلارنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى قىلمايدۇ، شۇڭا، ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېزلا ئومۇملاشتى.
بەزى ئەللەر تېخى تراللىبۇسنىڭ چاقىنى ماشىنىنىڭ ئۈستىگە جايلاشتۇرۇپ، تىرەكلىك تراللىبۇسقا ئايلاندۇردى. نۇرغۇن ئەللەر يەنە ترامۋاينى يەر ئاستى تونىلىغا ئېلىپ چۈشتى، مانا بۇ يەر ئاستى تۆمۈريولىدۇر، لېكىن، يەر ئاستى تۆمۈريولىدا ماشىنىنى توك يىغقۇچى خادا ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا پاراللېل ۋە بىر - بىرىدىن ئىزولياتسىيىلەنگەن ئىككى رېلىس يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەيلى تىرەكلىك تراللىبۇس بولسۇن ياكى يەر ئاستى پويىزى بولسۇن، ئۇنىڭ ۋاگونى بىر بولمايدۇ، بەلكى پويىزغا ئوخشاش بىرنەچچە ۋاگون چېتىلىدۇ، ئۇلارنى ئېلېكتروۋوز سۆرەپ ماڭىدۇ.