UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل ماشىنىلارسۇ ئۈستى ۋېلىسىپىتى ۋە مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى

سۇ ئۈستى ۋېلىسىپىتى ۋە مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى

ھەرخىل ماشىنىلار سۇ ئۈستى ۋېلىسپىتىنىڭ ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتنىڭكىدەك ئىككى چاقى بولمايدۇ، ئۇ بىر سۇلياۋ ياكى ياغاچ قېيىق ئۈستىگە ۋېلىسىپىت گەۋدىسىنى ئورنىتىپ ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈستۈنكى يېرىمى ۋېلىسىپىتكە، ئاستىنقى يېرىمى قېيىققا ئوخشايدۇ. سۇ ئۈستى ۋېلىسىپىتىنىڭ قېيىق قىسمىنىڭ كەينىگە پىرقىرىغۇچ ۋە رول ئورنىتىلغان. مىنگۈچى پېدالنى تېپىپ، چىشلىق ماتور ئارقىلىق پىرقىرىغۇچنى ئايلاندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋېلىسىپىت قېيىققا ئوخشاش ئۈزۈپ كېتىدۇ. تۇتقۇچنى ئايلاندۇرسا، تۇتقۇچنىڭ ئىككى يېنىدىكى پولات سىملار غالتەك ئارقىلىق قېيىق قىسمىنىڭ كەينىدىكى رولىنى ئايلاندۇرۇپ، ۋېلىسىپىتنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ، تورمۇزلاشقا توغرا كەلسە، پېدالنى تەتۈر تەپسىلا، پىرقىرىغۇچ تەتۈر ئايلىنىپ، ۋېلىسىپىت توختايدۇ. مۇنداق ۋېلىسىپىت ئەمەلىيەتتە پېداللىق قېيىق بولۇپ، ئۇنى سۇ ئۈستى قاتناش قورالى قىلغىلىمۇ، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ. مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتىنىڭ تېزلىكى سائىتىگە15 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتلەردەك تېيىلىپ كەتمەيدۇ ۋە يىقىلمايدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى تولىمۇ ئاددىي، چاقى، ئېگىرى ھەم پېدالىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئالدى چاق ئاچىسىنىڭ ئاستى بىر ئالدى تېيىلىش تاختىسىدىن ئىبارەت. ۋېلىسىپىت بېشى ۋېلىسىپىت تۇتقۇچى (رولى) بىلەن تۇتاش ئىككى تۇرۇبا بولۇپ، ئۈستىگە ئايلىنىدىغان ئىككى كىيدۈرمە كىيدۈرۈلگەن، كىيدۈرمە يەنە ھەرىكەتچان ۋېلىسىپىت تىرىكى بىلەن تۇتاشقان، ۋېلىسىپىت تىرىكىنىڭ كەينىدە ئىككى دەسسىگۈچ ۋە ئىككى كەينى تېيىلىش تاختىسى بار. مىنگۈچى رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دەسسىگۈچكە دەسسەپ تۇرىدۇ. شۇڭا، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى مىنىپ ئەمەس، ئۆرە تۇرۇپ ھەيدەيدىغان ۋېلىسىپىتتۇر. مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى كانكىغا ئوخشاش تېيىلىش تاختىسىغا تايىنىپ ماڭىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئادەم كۈچى بىلەن ماڭىدىغان چانا بولۇپ، ماڭغاندا كەينىدىكى ئىككى تېيىلىش تاختىسى مۇزغا تىرىلىپ، ۋېلىسىپىتنى مۇز ئۈستىدە ئالدىغا ئىتتىرىدۇ. مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتىدە تورمۇز قۇرۇلمىسىمۇ بار. مىنگۈچى تىك ئوقنى چىڭ دەسسىسىلا، ئوق مۇزغا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋېلىسىپىت تورمۇزلىنىپ توختاپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل ماشىنىلار
سۇ ئۈستى ۋېلىسىپىتى ۋە مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى | UyghurWiki | UyghurWiki