ئۇچقۇر ئاپتوموبىل
ھەرخىل ماشىنىلار
ئاپتوموبىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سۆرەپ ماڭىدىغان ھارۋىدىن تەرەققىي قىلغان. فرانسىيىنىڭ لوئى 16 دەۋرىدە توپچى ئەسكەرلەر كاپىتانى كورنىئو زەمبىرەك سۆرەيدىغان ھارۋىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ ئىككى يىل تىرىشىپ، ئۈچ چاقلىق بىر ياغاچ ھارۋا ياسىغان، ئۇنى پار ماشىنىسى ماڭدۇرىدۇ، تۆت كىشى ئولتۇرۇشقا بولىدۇ، سائەتلىك تېزلىكى5 .9 كىلومېتىر، ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى «ئۆزى ماڭار ھارۋا» ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۆزى ماڭار ھارۋىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سىرتقى شەكلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغان.1826 - يىلى بولان ئەنگلىيىدە دۇنيادا ئىچىدىن يانىدىغان تۇنجى دۋىگاتېللىق ئاپتوموبىل ياسىدى. ئۇنىڭ ئىككى سىلىندىرى بولۇپ، تۈز يولدا تېز مېڭىپلا قالماي، دۆڭگىمۇ يامىشالايتتى.
ئەمما، ئاپتوموبىلنى ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن كىشى گېرمانىيىلىك بىنتىس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كۆپ يىل قايتا - قايتا تەجرىبە قىلىپ، بىر سىلىندىرلىق بېنزىن ماتور ياسىدى. ئۇنى1886 - يىلىنىڭ بېشىدا ئۈچ چاقلىق ھارۋىغا ئورناتتى. بۇ ھارۋىنىڭ ئېغىرلىقى254 كىلوگرام بولۇپ، سائەتلىك تېزلىكى13 ~16 كىلومېتىر ئىدى. بۇ ئۆزى ماڭار ھارۋا ياسالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرەپ توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن، رەسمىي سىناپ كۆرۈشكە مۇمكىن بولمىدى. بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئايالى ئۇققاندىن كېيىن، ماتورنى ئوت ئالدۇرۇپ، ھارۋىدا شەھەرنىڭ ھەممە كوچىلىرىنى بىر ئايلىنىپ، ئەتراپتىكىلەرنى تاڭ قالدۇردى، ئۇزاققا قالماي پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. كېيىنكى ئۆزى ماڭار ھارۋىلارغا كۆپىنچە بېنزىن ماتور ئورنىتىلغاچقا، كىشىلەر «بېنزىن ھارۋا» (ئاپتوموبىل) دەيدىغان بولدى. گېرمانىيە ميۇنخېن پەن - تېخنىكا مۇزېيى بۇ ئاپتوموبىلنى ساقلىماقتا، ئۇنىڭغا «مۇشۇلا تۇنجى ئاپتوموبىل» دېگەن بەلگە ئېسىلغان.
ھازىر ئاپتوموبىللارنىڭ تۈرى كۆپ، ماتورنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، دىزېل ئاپتوموبىلى ۋە بېنزىن ئاپتوموبىلى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بېنزىن ئاپتوموبىلى يەنە تۆت سىلىندىرلىق، سەككىز سىلىندىرلىق،12 سىلىندىرلىق دېگەندەك كۆپ خىل بولىدۇ. سىلىندىرى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە سىلىق يۈرىدۇ. ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، يۈك ئاپتوموبىلى، يولۇچىلار كىچىك ئاپتوموبىلى، يولۇچىلار چوڭ ئاپتوموبىلى، يولۇچىمۇ، مالمۇ توشۇغىلى بولىدىغان بولكىۋاي، قورال ماشىنىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ ئالاھىدە ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى، سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئېلېكترون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل ساھەسىدە بارغانسېرى كۆپ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار ياكى يېرىم ئاپتوماتىك ھەيدەش قۇرۇلمىلىرى بارلىققا كەلمەكتە.