يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوز
ھەرخىل ماشىنىلار
دېڭىز يۈزىدىن3500 مېتىر ئېگىز بولغان چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە پويىز ھەيدەشتە گاز تۇربىنىلىق پاراۋوز ئەڭ مۇۋاپىق. ئېگىزلىكلەر يىل بويى توڭلاش ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقى ۋە سۇ كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈنۈمى تۆۋەن ئەنئەنىۋى ھور پاراۋوزى ئېگىزلىكتە ۋاگونلارنى تارتالمايدۇ؛ ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى پاراۋوز قىلسا، كۈچى ئاز، ئېگىزلىكتىكى تۆۋەن ئاتموسفېرا بېسىمىدا كۈچى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلىتىشتە قىيىنچىلىق بار؛ ئېلېكتر كۈچى بىلەن ماڭىدىغان »كۈچى« زورراق بولغان ئېلېكتروۋوزنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئۇ يەردە ئېلېكترلەشكەن تۆمۈريول يوق، شۇڭا بۇمۇ ئەسقاتمايدۇ.
يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزنىڭ ئۆزگىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسى بار، ئۇ يېنىش كامېراسى، كومپرېسسور ۋە تۇربىنىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. يېقىلغۇ يېنىش كامېراسىدا كۆيۈپ ھاسىل بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق گاز كومپرېسسوردا قىسىلىپ يۇقىرى تېمېراتۇرا، يۇقىرى بېسىملىق گازغا ئايلانغاندىن كېيىن، پۈركۈش ئېغىزىدىن تۇربىنا قاناتلىرىغا پۈركىلىپ، تۇربىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئىش ئىشلەيدۇ. مۇنداق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسىدا ھاسىل بولىدىغىنى دىزېل ماشىنىسىغا ئوخشاش قايتىلانما ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ئايلانما ھەرىكەت بولغىنى ئۈچۈن، ئىش ئىشلەش ئىقتىدارى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللىق پاراۋوزدىن كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ. چەت ئەللەردە20 - ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىدىلا قۇۋۋىتى475 62 كىلوۋاتلىق يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزلار بارلىققا كەلگەن، ھالبۇكى، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللىق پاراۋوزلار تەرەققىي قىلىپ70 - يىللارغا كەلگەندە، ئەڭ زور قۇۋۋىتى ئاران2940 كىلوۋاتقا يەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يانار گاز تۇربىنىسى »قارا ئاشلىق« تىن قاچمايدۇ، باھاسى تۆۋەن، ناچار يېقىلغۇلارنىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلدا پەقەت دىزېلنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا يانار گاز تۇربىنىسى ئىشلەتكەندە توشۇش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزغا سۇ بەك ئاز كېتىدۇ، سوغۇقتىن قورقمايدۇ، سىرت قانچە سوغۇق بولسا، ئۇنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
دۇنيادا تۇنجى يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوزنى20 ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىدا شۋېتسارىيىلىكلەر ياسىغان. ئەينى چاغلاردا تۇربىنا قانىتى ياسىلىدىغان ماتېرىيال يۇقىرى ھارارەتكە چىدىمايدىغانلىقى، ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، يېتەرلىك تەرەققىي قىلالمىغانىدى. ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قانات ياسىلىدىغان ℃1200 تىن يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق ماتېرىياللار بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېلېكتر ئەسلىھەلىرىنىڭ ئېلېكتر دۋىگاتېلىدا قوللىنىلىشى بىلەن، يانار گاز تۇربىنىلىق پاراۋوز يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.