ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل
ھەرخىل ماشىنىلار
20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدىن كېيىن، كىشىلەر نېفىت بايلىقىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، يېڭى تىپتىكى بىر خىل ئاپتوموبىلنى كەشىپ قىلدى. بۇنىڭغا بېنزىنمۇ، دىزېلمۇ كەتمەيدۇ، بەلكى ئاككۇمۇلياتورنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە تايىنىپ ماڭىدۇ، مۇنداق ئاپتوموبىل ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل دېيىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە،2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل ياسىغانىدى. ئۇ قىسقا مۇساپىلىك ترانسپورتقا ئىشلىتىلىدىغان ئاككۇمۇليارتور ئاپتوموبىل ئىدى. ئېلېكترلىك ئاپتوموبىلدا ئادەتتىكى ئاپتوموبىللاردىكى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى ئىشلەتمەي، تۇراقلىق توك ئېلېكتر ماتورى بىلەن ئاككۇمۇلياتور ئىشلىتىلىدۇ، ئېلېكتر دۋىگاتېلنى ئاككۇمۇلياتورنىڭ توكى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، مۇنداق ئاپتوموبىل سائىتىگە40 ~50 كىلومېتىر يول يۈرىدۇ، ئاككۇمۇلياتورنى بىر قېتىم زەرەتلىسە100 ~200 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
ھازىرقى ئېلېكترلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %15.75 كە يېتىدۇ، ئادەتتىكى ئاپتوموبىللاردىن %5 چە يۇقىرى بولىدۇ. ئاككۇمۇلياتورلار كېچىسى زەرەتلىنىدۇ. بۇ توك ئىشلىتىشنىڭ تۆۋەن پەللىسى بولغاچقا، گېنېراتورلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل ئادەتتىكى ئاپتوموبىللاردەك تەركىبىدە قوغۇشۇن، گۈڭگۈرت، ئازوت ئوكسىدى قاتارلىق زىيانلىق گازلارنى چىقىرىپ مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ؛ ئۇنىڭدا گاز چىقىرىدىغان، گاز سۈمۈرىدىغان قۇرۇلمىلار بولمايدۇ، ئىسسىقلىق تارقىتىدىغان چاقپەلەك ۋە ماتورمۇ يوق، ئاۋازى بەكمۇ تۆۋەن. ئوخشاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئاپتوموبىللارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئاۋازى زور دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ، ھېچقانداق زىيىنى يوق.
ئېلېكترلىك ئاپتوموبىلنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ بار، سۈرئىتى يېقىلغۇ ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا يەتمەيدۇ، بىر قېتىم زەرەتلىسە ئاران100 ~200 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا ئالىملار زەرەتلىنىش مىقدارى يۇقىرى، زەرەتلىنىش قېتىمى كۆپ ئاككۇمۇلياتورلارنى تەتقىق قىلماقتا.