تاشيولدىمۇ، تۆمۈريولدىمۇ ماڭىدىغان ئاپتوموبىل
ھەرخىل ماشىنىلار
مۇنداق يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ تاشيولدىمۇ، تۆمۈريولدىمۇ ماڭالايدىغان ئىقتىدارى بار. تاشيولدىن ئوڭايلا تۆمۈر يولغا چىقىپ ماڭالايدۇ، تۆمۈر يولدىنمۇ ئوڭايلا تاشيولغا چىقىپ ماڭالايدۇ.
ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى ئاپتوموبىلغا ئوخشايدۇ، پەقەت ئاپتوموبىلغا قارىغاندا بەزى قۇرۇلمىلىرى ئارتۇق. ئادەتتە مۇنداق ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى - كەينى چاقلىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئايرىم - ئايرىم كۆتۈرۈپ چۈشۈرگىلى بولىدىغان ۋە يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان ئىككى يېتەكچى چاق بولىدۇ، يېتەكچى چاقلارنى كۆتۈرۈش - چۈشۈرۈش ھىدراۋلىك قۇرۇلما بىلەن كونترول قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىلنىڭ تېگىدىكى تەگلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىشقا بولىدىغان ئايلانما تەخسە ئورنىتىلغان، ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ تۆمۈريولدا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
تاشيولدىمۇ، تۆمۈريولدىمۇ ماڭىدىغان ئاپتوموبىل تاشيولدا ماڭغاندا، يېتەكچى چاقنى يىغىۋېلىپ، رېزىنكە چاق بىلەن ماڭىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. تۆمۈريولغا چىققاندا، ئايلانما تەخسە رېلىس ئۈستىگە چۈشىدۇ، ماشىنا گەۋدىسى ھىدراۋلىك پرېس بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا بىر ئادەم ماشىنىنى ئوڭايلا تۆمۈريولنىڭ يۆنىلىشىگە توغرىلىيالايدۇ، ئاندىن ئايلانما تەخسە يىغىۋېلىنىپ، رېزىنكە چاقلار ئىشقا كىرىشىدۇ، يېتەكچى چاق قۇرۇلمىسى ئاپتوموبىل چاقلىرىنى رېلىس بويلاپ ماڭدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ناۋادا رېلىس ئۈستىدە توختاپ مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىككى جۈپ يېتەكچى چاق ھىدراۋلىك پرېسنىڭ ياردىمىدە تۆت پۇتقا ئوخشاش رېلىستا تىرىلىپ تۇرىدۇ.
تاشيولدىمۇ، تۆمۈريولدىمۇ ماڭىدىغان ئاپتوموبىلنى تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، باشقا ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. كۆپرەك تاشيولدىمۇ، تۆمۈريولدىمۇ ياردەم بېرىش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ كۆۋرۈكلەرنى رېمونت قىلىش، توك لىنىيىلىرىنى رېمونت قىلىش، قاتناش ئاۋارىيىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئۆتەلەيدۇ.