UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل ماشىنىلارچاقىرسىلا كېلىدىغان ئاپتوبۇس

چاقىرسىلا كېلىدىغان ئاپتوبۇس

ھەرخىل ماشىنىلار مۇنداق ئاپتوبۇسلارنىڭ شەھەرنىڭ بەزى كوچىلىرىدا بېكىتى، بېكەتتە ئېلېكترونلۇق چاقىرىش قۇرۇلمىسى بولىدۇ، مېھمان بېكەتتىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ، بەلگىلىمە بويىچە چاقىرسىلا، ئاپتوبۇس دەرھال كېلىپ،8 ~10 مېھماننى ئېلىپ، تېگىشلىك بېكەتكە يەتكۈزۈپ قويىدۇ، شۇڭا ئۇ چاقىرسىلا كېلىدىغان ئاپتوبۇس دەپ ئاتالغان. ھەربىر بېكەتتىكى ئېلېكترونلۇق چاقىرىش قۇرۇلمىسىدا يول كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئۈستىگە شەھەر خەرىتىسى، رەقەملىك كۆرسەتكۈچ تاختا ۋە كۇنۇپكا تاختىسى بولىدۇ، مېھمان خەرىتىدىن بارىدىغان بېكەت نومۇرىنى تېپىپ، مىسالى18 بولسا، تەرتىپ بويىچە بىر ۋە سەككىز نومۇرلۇق ئىككى كۇنۇپكىنى باسسىلا، كۆرسەتكۈچ تاختىدا18 دېگەن رەقەم كۆرۈنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆشۈك تېشىلگەن بىر ۋاراق ماگنىتلىق نومۇر كارتىسى چىقىدۇ. بۇ كارتىنى يەنە بىر تۆشۈككە تىقسا، چاقىرىش سىگنالى شۇئان بەلگىلەش مەركىزىگە يېتىدۇ ۋە ئېكراندا ئايان بولىدۇ. بەلگىلىگۈچى تېلېفون ئارقىلىق مېھماننىڭ چاقىرىشىغا جاۋاب بېرىدۇ. چاقىرسىلا كېلىدىغان ئاپتوبۇس كومپيۇتېر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. مېھماننى ھەربىر بېكەتكە يەتكۈزگەندە، ئەمدى قايسى بېكەتكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى رادىئوفون ئارقىلىق بەلگىلىگۈچىگە خەۋەر قىلىدۇ. ناۋادا دەل بۇ چاغدا بەلگىلەش مەركىزى يېڭى چاقىرىشنى تاپشۇرۇۋالغان بولسا ۋە بۇ بېكەت ئاپتوبۇسنىڭ يۆنىلىشىگە ئەڭ يېقىن بولسا، بۇ يېڭى ۋەزىپىنى شۇ ئاپتوبۇسقا تاپشۇرىدۇ. بەلگىلەش مەركىزى لىنىيىدىكى بارلىق ئاپتوبۇسلارنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بەلگىلىگۈچى خۇددى تېلېفون باش ئاپپاراتىدىكى سىم ئۇلىغۇچى خادىمغا ئوخشاش، كومپيۇتېر ئارقىلىق ئەڭ ياخشى بەلگىلەش لىنىيىسىنى تېپىپ، مۇناسىۋەتلىك ئاپتوبۇس شوپۇرىغا تېلېفون بىلەن ئۇقتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل ماشىنىلار
چاقىرسىلا كېلىدىغان ئاپتوبۇس | UyghurWiki | UyghurWiki