UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل ماشىنىلارقۇياش ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىللار

قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىللار

ھەرخىل ماشىنىلار ئاۋسترالىيىنىڭ دارۋىن شەھىرىدە1987 - يىل11 - ئايدا ئاجايىپ بىر خىل ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، قۇياش ئېنېرگىيىلىك25 ئاپتوموبىل كۈننىڭ چىقىشى بىلەن يولغا چىقىپ، كۈن پاتقاندا ئارام ئېلىپ، بىر تېمىم يېقىلغۇ ماي ئىشلەتمەي،3200 كىلومېتىر مۇساپىنى تاماملىدى. قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىل قۇياش باتارېيىسىنى توك مەنبەسى قىلىدۇ. قۇياش نۇرى ئاپتوموبىلىدىكى قۇياش باتارېيىسىگە چۈشسە، فوتو ئېلېكترىك ئايلاندۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، شۇئان تۇراقلىق توك ھاسىل بولۇپ، تۇراقلىق توك ماتورىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئاپتوموبىلنى ماڭدۇرىدۇ. بىراق، قۇياش باتارېيە تاختىسىغىلا تايىنىدىغان مۇنداق ئاپتوموبىل يورۇقلۇق بولمىسا دەرھال توختاپ قالىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى ۋە كېچىسىمۇ يول يۈرۈشى ئۈچۈن، قۇياش باتارېيىسى بىلەن ئاككۇمۇلياتورنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. يورۇقلۇق بار چاغدا قۇياش باتارېيىسى ھاسىل قىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ بىر قىسمى ماتورنى ئايلاندۇرۇپ ئاپتوموبىلنى ماڭدۇرۇشقا كەتسە، يەنە بىر قىسمى ئاككۇمۇلياتورنى زەرەتلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، يورۇقلۇق يوق چاغدا ئاككۇمۇلياتور قويۇپ بەرگەن توك ماتورنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئاپتوموبىلنى ماڭدۇرىدۇ. قۇياش باتارېيىلىك ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى باشقىچە، شەكلى ھەر خىل بولىدۇ. بەزىلىرىدە قۇياش باتارېيە تاختىسى ھەرىكەتچان شەكىللىك قىلىپ ياسىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يانتۇلۇق بۇلۇڭىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كۆپ قۇياش نۇرىنى ئىز قوغلاپ يىغىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرالايدۇ؛ بەزىلىرىدە ماشىنا گەۋدىسى سۇيۇر شەكلىدە ياسىلىپ، باتارېيە تاختىسى ماشىنا ئۈستىگە مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ھاۋانىڭ قارشىلىقى ئەڭ كىچىك چەككە چۈشۈرۈلىدۇ ياكى قۇياش نۇرىنى يىغىش يۈزى ئەڭ چوڭ ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ھەممىسىنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقى بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ تېز ھەيدەش، ئۇزۇن ھەيدەش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئامېرىكا ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىل» نىڭ سىرتقى شەكلى بىر بېلىققا ئوخشايدۇ، تېزلىكى سائىتىگە100 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، تۇرغۇن ھالەتتىن100 كىلومېتىر تېزلىنىش ئالغۇچە ئاران24 سېكۇنت كېتىدۇ. قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىلغا يېقىلغۇ ئىشلىتىلمەيدۇ، قالدۇق گاز چىقارمايدۇ ۋە ماتور شاۋقۇنى بولمايدۇ، شۇڭا مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ. ئۇنىڭدا ئولتۇرۇش بىخەتەر، سىلىق، ئازادە، ئارتۇقچىلىقى كۆپ. لېكىن، قۇياش باتارېيىسىنىڭ پۈتۈش باھاسى يۇقىرى، توك بېرىش ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا، قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىل ھازىر تېخى ئىشلىتىلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل ماشىنىلار