قوش كېمە
ھەر خىل كېمىلەر
ئىچكى دەريالاردا قاتنايدىغان يولۇچىلار كېمىلىرى ۋە كېچىك كېمىلىرى ئىچىدە بېشىمۇ، قۇيرۇقىمۇ ئىككى، خۇددى ئىككى كېمە ياندىشىپ ماڭغاندەك كۆرۈنىدىغان كېمىلەر بار، مانا بۇ قوش كېمىدۇر.
ئېلىمىزدە قوش كېمە بارلىققا كەلگىنىگە2000 يىلدىن ئاشتى. بۇرۇن كىشىلەر چوڭ كېمە ياساش ۋە كېمىنى سىلىق ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، سالدىن ئىلھاملىنىپ، ئىككى كېمىنى يانداشتۇرۇپ، تاسما، چىۋىق ۋە ئارغامچىلار بىلەن چېتىپ، بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان، مۇنداق كېمىلەر كەڭ بولۇپ، يۈك سىغىمچانلىقى بىر ھەسسە ئاشقان ۋە ناھايىتى سىلىق ماڭغان. ئەجدادلىرىمىز مۇنداق كېمىلەرنى «چاتما كېمە» دەپ ئاتىغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شياۋ خې مۇشۇنداق چاتما كېمىلەردىن پايدىلىنىپ، ليۇ باڭنىڭ ئالەمگە خوجا بولۇشىغا ياردەملەشكەن.
ھازىرقى كۈندە قوش كېمە ئۆلچىمى ئوخشاش ئۇزۇنچاق ئىككى كېمە گەۋدىسىنى يانداشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ھەربىر كېمە گەۋدىسىدە بىردىن ماتور، قۇيرۇقىدا بىردىن پىرقىرىغۇچ (پىروپېللېر) بولۇپ، يۈرگەندە ئىككىسى تەڭ ھەرىكەتلىنىدۇ. ئىككى كېمىنىڭ ئۈستى بىر گەۋدە قىلىپ قوشۇلغان بولىدۇ، قوش كېمىنىڭ پالوبىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنى يولۇچىلار كېمىسى ۋە كېچىك كېمىسى قىلىپ ئىشلەتسە، كۆپ يولۇچى سالغىلى ۋە كېچىك كېمىسىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇنداق كېمە كەڭ بولغاچقا سىلىق ماڭىدۇ. شۇڭا، يولۇچىلار كېمىسى قىلىپ ئىشلەتسە، بىرقەدەر ئىشەنچلىك بولىدۇ.
قوش كېمە ئىككى كېمىنىڭ پىرقىرىغۇچى بىلەن ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ خالىغان بىرىنىڭ تېزلىكى ۋە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتسە، پۈتۈن كېمىنىڭ تېزلىكى ۋە يۆنىلىشى ئۆزگىرىدۇ، شۇڭا، مەشغۇلات ئىقتىدارى ياخشى. قوش كېمە يەككە كېمىگە قارىغاندا سوزۇقراق بولىدۇ، مۇناسىپ قارشىلىق كۈچى ئاجىز، تېزلىكىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
لېكىن، قوش كېمىنىڭ ئۈستىدىكى قۇرۇلۇش ئىككى كېمىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغاچقا، كېمىنىڭ سىجىللىقى ئاجىزراق بولۇپ، چوڭ دولقۇنلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، يىراق ئوكيانلاردا يۈرۈشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مۇنداق كېمىلەر كۆپىنچە ئىچكى دەريالاردا قىسقا يوللۇق يولۇچىلار كېمىسى ۋە كېچىك كېمىسى قىلىپ ھەم ئالاھىدە كەسپىي كېمە، مەسىلەن، نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.