كېمىنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىشى
ھەر خىل كېمىلەر
بۇرۇنقى كېمىلەرنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ بالونىغا ئوخشاش ئىككى چاقى بار ئىدى، ئۇلار كېمىنىڭ ئىككى يېقىدا ياكى قۇيرۇقىدا بولاتتى، چاق ئەتراپىدا بىرمۇنچە پالاقلار بولۇپ، چاقلار ئادەم كۈچى بىلەن ئايلاندۇرۇلغاندا، پالاقلار سۇنى كەينىگە ئىتتىرىپ، كېمىنى ئالدىغا ماڭدۇراتتى. شۇڭا، مۇنداق كېمىلەر «چاقلىق كېمە» دېيىلەتتى.
ھور ماشىنىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بەزىلەر كېمىنىڭ چاقلىرىنى ھور ماشىنىسى بىلەن ئايلاندۇرۇپ كېمىنى ماڭدۇرۇش خىيالىغا كەلدى.1802 - يىلى ئەنگلىيىلىك شېرمىڭتون ۋات ئۆزگەرتىپ ياخشىلىغان ھور ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ، «چارلوت دۇنداس» ناملىق ماتورلۇق كېمىنى ياسىدى. ئەينى چاغلاردا كېمىلەر ئات كۈچى بىلەن سۆرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ماتورلۇق كېمىلەر ئات كۈچى بىلەن سۆرىلىدىغان كېمە خوجايىنلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئىشلىتىلمىدى. بۇ ئىشنى ئەنگلىيىدە زىيارەت قىلىپ يۈرگەن ئامېرىكىلىق ئالىم فولتون بىلىپ، «كلېمېنت» ناملىق كېمە ياساپ،1807 - يىل8 - ئايدىن باشلاپ نيويورك بىلەن ئولبانى ئوتتۇرىسىدا قاتنىدى، كېمىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى4 .6 كىلومېتىرغا يەتتى. بۇ، تۇنجى ماتورلۇق كېمە بولۇپ قالدى.
ماتورلۇق كېمە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەر شۋېتسارىيىلىك ئالىم بېرنۇللى ئوتتۇرىغا قويغان پىرقىرىغۇچلۇق (پىروپېللېرلىق) ئىتتىرگۈچكە بەكمۇ قىزىقتى.1836 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ «ئارخىمېد» ناملىق كېمىسىگە پىرقىرىغۇچلۇق ئىتتىرگۈچ ئىشلىتىلدى، ئۇ ياغاچتىن ياسالغان ئۇزۇن بۇرمىسىمان خادا ئىدى. سىناق قىلغاندا، بۇ كېمە سائىتىگە4 دېڭىز مىلى يۈردى. توساتتىن سۇ ئاستىدىكى توسالغۇغا سوقۇلۇپ بۇ بۇرمىسىمان خادا سۇنۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ بىر بۆلىكىلا قالدى. كېمىنى ياسىغان ئىنژېنېر سىمىت ئالاقزادە بولۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان چاغدا، كۈتمىگەن يەردىن بۇ كېمىنىڭ تېزلىكى ئېشىپ، سائەتلىك تېزلىكى13 دېڭىز مىلىغا يەتتى. بۇ ئىش كېمە ئىنژېنېرلىرىنى ئىلھاملاندۇردى، ئۇلار ئۇزۇن بۇرمىسىمان خادىنى قىسقا بۇرمىسىمان خادىغا، ئاندىن قىسقا بۇرمىسىمان خادىنى يەنە قانات شەكلىدە قىلىپ ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن1845 - يىلى ياسالغان ئەنگلىيىنىڭ «بۈيۈك برىتانىيە» ناملىق كېمىسى دۇنيادا تۇنجى پىرقىرىغۇچلۇق كېمە بولۇپ قالدى.1845
- يىلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى خېلى چوڭ بولغان «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» ناملىق پىرقىرىغۇچلۇق كېمە بىلەن «ئېرىكتو» ناملىق چاقلىق كېمە بىر قېتىم «ئارغامچا تارتىشىش» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى بۇ ئىككى كېمىنىڭ قۇيرۇقىنى يوغان ئارقان بىلەن چېتىپ، ئىككىسىنى قارىمۇقارشى يۆنىلىشتە ماڭدۇردى. «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» نىڭ پىرقىرىغۇچى تېز ئايلاندى، «ئېرىكتو» نىڭ چاقلىرىمۇ بار كۈچى بىلەن سۇنى كەينىگە ئىتتەردى. باشتا ئۇلار بىر - بىرىگە يول بېرىشمىدى، سەل ئۆتكەندىن كېيىن، «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» «ئېرىكتو» نى سۆرەپ كەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، پىرقىرىغۇچلۇق كېمە چاقلىق كېمىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.