UyghurWiki
UyghurWikiھەر خىل كېمىلەريۈك ساندۇقى كېمىسى ۋە دومىلىما يۈك كېمىسى

يۈك ساندۇقى كېمىسى ۋە دومىلىما يۈك كېمىسى

ھەر خىل كېمىلەر يۈك ساندۇقى كېمىسى يېڭى تىپتىكى زامانىۋى كېمە، ئۇنىڭ پالوبىسىدا بىرمۇ كران يوق، بەلكى قازناق (كايوتا)قا ئوخشاش بولۇپ، رەت - رەت يۈك ساندۇقى تىزىلغان بولىدۇ. يۈك ساندۇقى ئالاھىدە ياسالغان ئۆلچەملىك مال ساندۇقلىرىدۇر، يۈك ساندۇقى كېمىسىنىڭ تريومى ۋە پالوبىسى يۈك ساندۇقىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، يۈك ساندۇقىنى ئەڭ كۆپ قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھىلىنىدۇ. يۈك ساندۇقى پرىستانىدا مەخسۇس ئامباردىن يۈك ئېلىش ئەسلىھەلىرى بولۇپ، يۈك ساندۇقىنى كېمە تريومى ۋە پالوبىسىغا ناھايىتى تېز قاچىلىغىلى بولىدۇ. بەزى يۈك ساندۇقى كېمىلىرىنىڭ ئۆزىدە ئامباردىن يۈك ئېلىش مېخانىزملىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۈك ساندۇقى كېمىلىرىنىڭ يۇك قاچىلاش - چۈشۈرۈشى تېز، توشۇش تەننەرخى تۆۋەن، يۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئاز، قاچىلاش - چۈشۈرۈش قۇلاي بولىدۇ. يۈك ساندۇقى كېمىسىگە ئوخشاش ئۆزگىچە بولغىنى دومىلىما يۈك كېمىسىدۇر. ئۇ مەخسۇس دومىلاپ ھەرىكەت قىلىدىغان (چاقلىق)، مەسىلەن، ئاپتوموبىل، كونتېينېر باسىدىغان پرىتسېپ ۋە ماتورلۇق ماشىنا قاتارلىقلارنى توشۇيدىغان كېمە بولۇپ، كېمىنىڭ قۇيرۇقى ياكى بېقىنىدا چوڭ ئىشىكى بولىدۇ، بۇ ئىشىك سەكرەش تاختىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يانتۇ يول بىلەن قىرغاققا تۇتىشىدۇ. يۈك باسقاندا، ماتورلۇق ماشىنىلار بىۋاسىتە مېڭىپ كېمىگە چىقىدۇ، يۈك ساندۇقى توشۇيدىغان پرىتسېپلارنى سۆرەش ماشىنىسى سۆرەپ كېمىگە ئېلىپ چىقىدۇ ۋە تريۇم ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ. كېمە بارىدىغان پورتقا يەتكەندىن كېيىن، تاختا چۈشۈرۈلىدۇ، ماشىنىلار مېڭىپ قىرغاققا چۈشىدۇ ياكى سۆرەش ماشىنىسى سۆرەپ چۈشۈرىدۇ. دومىلىما يۈك كېمىسىدىن پايدىلانغاندا، يۈك ئاپتوموبىلى ياكى سۆرەش ماشىنىسى ئارقىلىق يۈكنى زاۋۇتتىن يۈك قوبۇل قىلىدىغان يەرگە بىۋاسىتە ئاپىرىپ، مالنى ئىشىككىچە يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. دومىلىما يۈك كېمىسىنىڭ يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈش سۈرئىتى كونتېينېر كېمىسىدىن ئۈچتىن بىر ھەسسە، ئادەتتىكى كران بىلەن يۈك قاچىلايدىغان كېمىدىن بىرقانچە ھەسسە تېز بولىدۇ. يېتەرسىزلىكى شۇكى، پۈتۈش باھاسى قىممەترەك، پرىتسېپلار كۆپ بوشلۇقنى ئىگىلىۋالىدۇ، تريۇمدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەنرەك، شۇڭا قىسقا مۇساپىلىك ترانسپورتقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. كېمە ئىنژېنېرلىرى كېيىن يەنە كونتېينېر كېمىسى ۋە دومىلىما يۈك كېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، «ئارىلاش كېمە» ياسىدى. مۇنداق كېمىنىڭ پالوبىسىغا نەچچە يۈز كونتېينېر سىغىدۇ، كېمىنىڭ قۇيرۇقىدىكى چوڭ ئىشىك ئېچىلسا، يانداش ئۈچ تاختا چۈشىدۇ، ئوتتۇرىدىكىسىدىن كىچىك ئاپتوموبىللار چىقىپ - چۈشىدۇ، ئىككى يېقىدىكىسىدىن چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى ماڭىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەر خىل كېمىلەر