UyghurWiki
UyghurWikiھەر خىل كېمىلەرمېھمانخانىغا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار كېمىسى

مېھمانخانىغا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار كېمىسى

ھەر خىل كېمىلەر دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى چوڭ يولۇچىلار كېمىسى جۇڭگونىڭ سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان. سۈي سۇلالىسىنىڭ ياڭدى خانى قانال بىلەن جەنۇبقا بېرىپ، ياڭجۇدا گۈل تاماشاسى قىلغاندا ئولتۇرغان كېمىنىڭ تۆت قەۋەتلىك قەسىر شەكىللىك قۇرۇلۇشى بولۇپ،100 دىن ئارتۇق بالىخانىسى بار ئىدى، ئۇزۇنلۇقى100 مېتىر، ئېگىزلىكى20 نەچچە مېتىر كېلەتتى. ھازىرقى زامان يولۇچىلار كېمىلىرىدە نۇرغۇن ئايرىمخانىلار ۋە ئاممىۋى بۆلۈملەر بار، قەۋىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. كېمە گەۋدىسى سوزۇق بولۇپ، خېلى تېز ماڭىدۇ. ھەشەمەتلىك يولۇچىلار كېمىسى ئالىي مېھمانخانىغا ئوخشايدۇ، ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە ئىلغار بولىدۇ، ئازادە ئايرىمخانىلىرىدىن باشقا، ئاشخانا، كىنوخانا، ماگىزىن، كۆڭۈل ئېچىش زالى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، قۇياش مۇنچىسى، چېنىقىش ئۆيى، پوچتىخانا، بەزىلىرىدە يەنە مەنزىرە تاماشا قىلىش پەشتىقى، مەنزىرە كۆرۈش كارىدورى قاتارلىقلارمۇ بولىدۇ. ھەشەمەتلىك يولۇچىلار كېمىسى دولقۇنلۇق دېڭىزدا بەكمۇ سىلىق ماڭىدۇ، مېھمانلار كېمىدە خۇددى يەردە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، بىرئازمۇ تەۋرىنىشنى سەزمەيدۇ. چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار كېمىسىدە يەنە مۇكەممەل قۇتقۇزۇش، قوغداش سىستېمىسى بولىدۇ، مەسىلەن، ئىككى يۈرۈش ماتور، ياخشى ھاۋا ئالماشتۇرۇش - سۇ چىقىرىش ئەسلىھەلىرى، كىچىك تىپتىكى نۇرغۇن قۇتقۇزۇش كاتېرلىرى قاتارلىقلار بولىدۇ. كۈتۈلمىگەن بىر ئەھۋال كۆرۈلسە شۇئان قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرەلەيدۇ ۋە يولۇچىلارنى خەتەردىن يىراقلاشتۇرالايدۇ، ھەتتا يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇش كاتېرلىرى بىلەن بىخەتەر قىرغاققا يەتكۈزۈپ قويالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەر خىل كېمىلەر