يەلكەنلىك كېمە
ھەر خىل كېمىلەر
يەلكەنلىك كېمە مىلادىيىدىن3000 يىللار بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن. جۇڭگودا شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەلكەنلىك كېمە بولغانلىقى ھەققىدە خاتىرىلەر بار. تارقىلىپ يۈرگەن «يىن خەلقىنىڭ شەرقىي ئوكياندىن ئۆتۈشى» ھەققىدىكى گەپلەر شاڭ سۇلالىسىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يەلكەنلىك كېمىگە ئولتۇرۇپ، تىنچ ئوكياندىن ئۆتۈپ، ئامېرىكا قىتئەسىدە ماكانلاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان يەلكەنلىك كېمە دۇنيادا ئىزچىل مۇھىم بىر ترانسپورت كۈچى بولۇپ كەلگەن.
ھور ماشىنىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر پاراخوت كەشىپ قىلدى، ئۇزاققا قالماي، پاراخوتلار يەلكەنلىك كېمىلەرنىڭ ئورنىنى تامامەن دېگۈدەك ئىگىلەپ، سۇ قاتنىشىنىڭ يادرولۇق كۈچى بولۇپ قالدى.20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، نېفىت كرىزىسىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشى ھەم زامانىۋى كېمە ياساش تېخنىكىسى ۋە ئېلېكترون تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن كىشىلەر يەلكەنلىك كېمىگە قايتىدىن نەزەر ئاغدۇردى.1980 - يىل8 - ئايدا ياپونىيە زامانىۋى ئوكيان يەلكەنلىك كېمىسىنى سۇغا چۈشۈرۈپ، ئۇنتۇلاي دەپ قالغان يەلكەنلىك كېمىگە يېڭى ھايات ئاتا قىلدى.
ھازىرقى زامان يەلكەنلىك كېمىلىرىدە يېيىپ يىغقىلى بولىدىغان يەلكەن ئىشلىتىلىدۇ. يەلكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇقىم پولات يەلكەن، ئوڭ - سول ئىككى يېقىدا پولات تىرەك بىلەن نىلون يەلكەندىن تەركىب تاپقان ھەرىكەتچان قىسىم بار. يەلكەنلەر يېيىلغاندا، شامال يەلكەنلەرگە تەسىر قىلىدۇ، قۇيۇن پەيدا قىلمايدۇ؛ يىغىلغاندا ھەممە يەلكەنلەر ماچتىنىڭ ئاقما لىنىيىلىك يوپۇقى بولۇپ، قارشىلىق كۈچىنى ئازايتىدۇ.
يەلكەنلەر ئاپتوماتىك تىزگىنلىنىدۇ. ئۆلچەش ۋە كونترول قىلىش قۇرۇلمىلىرى ئارقىلىق، شامالنىڭ يۆنىلىشى، تېزلىكى ئۆلچىنىپ، يەلكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تۇرۇش بۇلۇڭى ھېسابلىنىدۇ؛ ئاندىن يەلكەنلەرنىڭ تۇرۇش بۇلۇڭى تەڭشىلىپ، شامال كۈچىدىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىلىدۇ.
ھازىرقى زامان يەلكەنلىك كېمىلىرى يەنە ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل بىلەن ماڭدۇرۇلىدۇ. شامال تېزلىكى سېكۇنتىغا15 مېتىرغا يەتكەندە دۋىگاتېل توختىتىلىپ، يەلكەنلەر يېيىلىدۇ؛ شامال كۈچى يېتەرلىك بولمىغاندا يەلكەنلەر يېيىلىش بىلەن بىللە، دۋىگاتېل ئىشقا سېلىنىدۇ؛ شامال تېزلىكى سېكۇنتىغا20 مېتىردىن ئاشقاندا، يەلكەنلەر ئاپتوماتىك يىغىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يەلكەنلىك كېمىدە ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئادەتتىكى ئوكيان كېمىلىرىگە قارىغاندا يېقىلغۇنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تېجىلىدۇ.