UyghurWiki
UyghurWikiھەر خىل كېمىلەرئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە

ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە

ھەر خىل كېمىلەر مۇنداق كېمىنىڭ سائەتلىك تېزلىكى100 دېڭىز مىلىغا يېتىدۇ، ئەڭ تېز تورپىدا كېمىسىدىنمۇ بىر ھەسسە تېز. ئۇنىڭ پىرقىرىغۇچ، ئوق ۋە رول قاتارلىق ئايلىنىش قۇرۇلمىلىرى يوق، پەقەت ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدۇ. كىشىلەر ئۇنى ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە دەپ ئاتايدۇ. ئالىم فلېمىڭنىڭ ئېلېكتر - ماگنىتنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن كۆرسىتىشىچە، توك ئۆتۈۋاتقان كاتۇشكا ھاسىل قىلغان ماگنىت مەيدانى بىلەن ماگنىت مەيدانىغا قويۇلغان توك ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈزگۈچ ئۆزئارا تەسىر قىلىشقاندا، ئۆتكۈزگۈچ ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن بىللە، ئۆتكۈزگۈچمۇ توك ئۆتۈۋاتقان كاتۇشكىغا ئەكس تەسىر قىلىدۇ. ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە مۇشۇ پرىنسىپقا ئاساسەن ياسالغان. كېمىنىڭ ئوڭ - سول بىقىنلىرىغا ئېلېكتر قۇتۇپى ئورنىتىلغان، ئۇنىڭدىن دېڭىز سۈيىگە توك ئۆتىدۇ. كېمە قېپىنىڭ ئىچىدە كۈچلۈك ئېلېكتر ماگنىت بولۇپ، ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، دېڭىز سۈيى ئېلېكتر ماگنىت كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئارقىغا ئىتتىرىلىدۇ - دە، كېمە ئالدىغا ماڭىدۇ. دېڭىز سۈيىدىكى توكنىڭ مىقدارى ۋە يۆنىلىشى ئۆزگەرتىلسە، كېمىنىڭ سۈرئىتى ۋە يۆنىلىشىمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمىنىڭ ئىتتىرىش كۈچى ماگنىت مەيدانىنىڭ كۈچىنىشى بىلەن دېڭىز سۈيىدىكى توكنىڭ مىقدارى ۋە يۆنىلىشىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، كېمە ئىنژېنېرلىرى مۇنداق كېمىگە ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكتر ماگنىت ئورنىتىپ، دېڭىز سۈيىدە كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا10 مىڭ توننا ماي قاچىلانغان كېمە يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرەلەيدۇ. ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، رېمونت قىلماق ئاسان بولۇپ، ھەرقانداق ھاۋا كىلىماتى شارائىتىدا ئەڭ زور ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، قارشىلىقىمۇ پىرقىرىغۇچلۇق كېمىلەردىن كۆپ ئاز بولىدۇ. ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمىدە ئېلېكتر دۋىگاتېلمۇ، پىرقىرىغۇچمۇ ئىشلەتمەي، يۇقىرى سۈرئەت، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، شاۋقۇنسىز يۈرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ مۇنداق كېمە سۇ ئاستى كېمىسى، سۇ ئاستى ماي پاراخوتى، ئوكيان تەكشۈرۈش كېمىسى ۋە مۇز يارار كېمە قىلىپ ئىشلىتىشكە باب كېلىدۇ. ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە تەتقىقاتى20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدا ياپونىيىدە باشلانغان. ھازىر5000 توننېرلىق چوڭ كېمە ياسالغان بولسىمۇ، نۇرغۇن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تېخى ھازىرغىچە ھەل بولمىدى.
← بارلىق تېمىلار ھەر خىل كېمىلەر
ئېلېكتر ماگنىت كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كېمە | UyghurWiki | UyghurWiki