UyghurWiki
UyghurWikiھەر خىل كېمىلەريەل تاپان كېمە

يەل تاپان كېمە

ھەر خىل كېمىلەر سۇلياۋ تەخسىنىڭ ئاستىنى تېشىپ شلانكا ئۇلاپ، شلانكىغا پۈۋلىسەك، تەخسە ئۈستەلدىن كۆتۈرۈلىدۇ، قانچە كۈچلۈك پۈۋلىسەك، تەخسە شۇنچە ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ. ئەگەر شامال كۈچى زور، ئۆزى يەڭگىل توك يەلپۈگۈچ ئىشلىتىلسە، تەخسە ھاۋاغا كۆتۈرۈلىدۇ، يەل تاپان كېمە مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن ياسالغان. ئۇنىڭدا كۈچلۈك توك يەلپۈگۈچكە ئوخشاش شامالدۇرغۇچ تۆۋەنگە پۈۋلەپ، كېمە تېگى بىلەن سۇ يۈزى (يەر يۈزى) ئوتتۇرىسىدا يەل تەگلىك پەيدا قىلىپ، كېمىنى كۆتۈرىدۇ، كېمە يۈرگەندە ئۇچرايدىغان قارشىلىقنى كېمەيتىپ، يۈرۈش تېزلىكىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يەل تاپان كېمىنىڭ ئاساسەن پۈتۈن لەيلىمە شەكىللىك ۋە يان تام شەكىللىك دەپ ئىككى خىل شەكلى بار. پۈتۈن لەيلىمە شەكىللىك يەل تاپان كېمە تېگىنىڭ ئەتراپى ئەۋرىشىم پەرتۇق بىلەن ئورىلىپ، يەل تاپاندىكى ھاۋانىڭ سىرتقا كۆپلەپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئادەتتە ھاۋا پىرقىرىغۇچلۇق ئىتتىرگۈچ ئىشلىتىلىدۇ. گاز پۈركۈپ (رېئاكتىپ) ئىتتىرىش شەكىلدىكىلىرىمۇ بار. مۇنداق يەل تاپان كېمە سۇ يۈزىدىن تامامەن ئايرىلىپ يۈرىدۇ، قۇرۇقلۇق، سازلىقلاردىمۇ يۈرەلەيدۇ، ناھايىتى ياخشى قوش ماكانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. يان تام شەكىللىك يەل تاپان كېمىنىڭ ئىككى يېنىدىن پولات يان تام سۇغا كىرىپ تۇرىدۇ، تۇمشۇقى بىلەن قۇيرۇقى ئەۋرىشىم پەردە بىلەن ھىم ئېتىلىپ، يەل تاپان ئىچىدىكى ھاۋانىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. پۈتۈن لەيلىمە كېمىگە سېلىشتۇرغاندا، يان تام شەكىللىك يەل تاپان كېمىدە سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان ھاۋا ئاز، سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيىمۇ ئاز بولىدۇ، ئادەتتە سۇ پىرقىرىغۇچى ياكى گاز پۈركۈش ئارقىلىق ماڭغۇزۇلىدۇ، بىراق، قۇرۇقلۇقتا يۈرەلمەيدۇ.1960 - يىلى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت پۈتۈن لەيلىمە يەل تاپان كېمە ياساپ چىقتى. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى برونېۋىكقا ئوخشىغاچقا، يەل تاپان ئاپتوموبىل دەپمۇ ئاتالغان. يەل تاپان كېمىنىڭ سۈرئىتى تېز، پۈتۈن لەيلىمە شەكىلدىكىسى سائىتىگە200 كىلومېتىر، يان تام شەكىلدىكىسىمۇ150 كىلومېتىر يۈرەلەيدۇ. ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پۈتۈن لەيلىمە يەل تاپان كېمىسىگە416 ئادەم،55 ئاپتوموبىل سىغىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز يان تام شەكىللىك يەل تاپان كېمىسى سائىتىگە167 كىلومېتىر يۈرەلەيدۇ. يەل تاپان كېمىنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ بار. مەسىلەن، يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرگەندە، يەل تاپاننىڭ بېسىمى تەكشى بولماي، ئاسان ھادىسە يۈز بېرىدۇ؛ ناچار ھاۋا شارائىتىدا تامامەن يەل تاپانلىق ھالەتنى ساقلىماق تەس؛ بولۇپمۇ پۈتۈن لەيلىمە يەل تاپان كېمىسى ئوڭايلا شامالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە باشقىلار.
← بارلىق تېمىلار ھەر خىل كېمىلەر