UyghurWiki
UyghurWikiھەر خىل كېمىلەرقوش ماكانلىق كېمە

قوش ماكانلىق كېمە

ھەر خىل كېمىلەر قوش ماكانلىق (ئامفىبىيە) كېمە ھەم كېمە، ھەم بىر ئايروپىلاندۇر. ئۇ سۇدا تېز ئۈزۈپلا قالماي، سۇدىن نەچچە مېتىردىن30 ~40 مېتىرغىچە ئېگىز بولغان ئىنتايىن تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچالايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى ھاۋا كېمىسى ياكى ئىنتايىن تۆۋەن بوشلۇق ئايروپىلانى دەپ ئاتىشىدۇ. قوش ماكانلىق كېمىنىڭ كەڭ قانىتى بولىدۇ. سۇدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئۈزگەندە، قانات بىلەن سۇ يۈزى ئارىلىقىدىن ئۆتكەن ھاۋا ئېقىمى توساتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قانات ئاستىدىكى بېسىم كۆتۈرۈلۈپ، ھاۋا تەگلىكى شەكىللىنىپ، كېمە گەۋدىسىنى سۇ يۈزىدىن كۆتۈرىدۇ؛ ئاندىن كېمە ھاۋا پىرقىرىغۇچى ياكى تۇربىنىلىق رېئاكتىپ ماتورغا تايىنىپ ئۇچىدۇ. ئەگەر كۆتۈرۈش كۈچى كېمە ئېغىرلىقىدىن ئېشىپ كەتسە، قوش ماكانلىق كېمە سۇ يۈزىدىن ئايرىلىدۇ. ئادەتتىكى ئايروپىلان ھاۋادا ئۇچقاندا، قانات ئاستىدىكى يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا ئېقىمى قاناتنىڭ ئىككى يېقىغا كېڭىيىپ، قاناتنىڭ ئۇچىنى ئايلىنىپ، قانات ئۈستىدە قۇيۇن شەكىللەندۈرۈپ قارشىلىق كۈچى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن، قاناتنى سۇ يۈزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ئۇچقاندا، سۇ يۈزى ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئىككى يانغا كېڭىيىشىنى توسۇپ، قاناتتا پەيدا بولىدىغان قۇيۇننى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، قارشىلىق كۈچىنى پەسەيتىدۇ. شۇڭلاشقا، قوش ماكانلىق كېمە سۇ يۈزى بويلاپ تېز ئۈزەلەيدۇ ھەم ئىنتايىن تۆۋەن بوشلۇقتا سىلىق ئۇچالايدۇ. قوش ماكانلىق كېمىنىڭ شەكلى كۆپ، ئاساسەن ئايروپىلان شەكىللىك، ئۇچار قانات شەكىللىك ۋە قوش گەۋدە شەكىللىك دەپ ئۈچ خىلى بار. مەيلى قايسى خىلى بولمىسۇن، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسى ئىككى يۈرۈش بولىدۇ: بىرى، سۇدىن كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، كۈچى زورراق بولىدۇ؛ يەنە بىرى، نورمال ئۇچۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئىتتىرىش كۈچى كىچىكرەك بولىدۇ. مۇنداق ئۆزگىچە لايىھە ھەم تېجەشلىك، ھەم يېڭىچە ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدىن باشلاپ قوش ماكانلىق كېمىنى ئۇدا سىناق قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكىنى300 نەچچە كىلومېتىرغا يەتكۈزدى. قوش ماكانلىق كېمىنىڭ سۈرئىتى يۇقىرى، ئۇچۇشى سىلىق بولۇپ، ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك يولۇچىلار كېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەربىي ئىشلاردا مۇنداق كېمە ئىنتايىن تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ، قارشى تەرەپنىڭ رادارىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ، سۇ ئاستى كېمىلىرىنىڭ ئىز قوغلىشىدىن قۇتۇلالايدۇ، يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى ياخشى. قوش ماكانلىق كېمىگە مۇناسىپ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلسا، سۇ، قۇرۇقلۇق، قار - مۇز، قۇملۇق ۋە سازلىقلاردىمۇ ئۇچۇپ - قونالايدىغان، كۆپ تەرەپلىمە ئىشلەتكىلى بولىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ترانسپورت قورالى بولۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەر خىل كېمىلەر