UyghurWiki
UyghurWikiھەر خىل كېمىلەرترانسپورت كېمىسى

ترانسپورت كېمىسى

ھەر خىل كېمىلەر بەزى يۈك ۋە ماي توشۇش كېمىلىرىنىڭ باش قىسمىنىڭ ئاستىدىن ئۇزۇن «بۇرنى» چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ، كېمىنىڭ يۇمىلاق بۇرنى دېيىلىدۇ. كېمە يۈرگەندە قارشىلىقنى كېمەيتىپ، تېزلىكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلىنىدۇ. كېمە يۈرگەندە دولقۇن قوزغىلىپ قارشىلىق پەيدا بولىدۇ، بۇ، قوزغىتىلغان دولقۇن دېيىلىدۇ. كېمىنىڭ سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، شۇنچە چوڭ دولقۇن قوزغىلىپ، قوزغىتىلغان دولقۇننىڭ قارشىلىقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر كېمە بېشىنىڭ ئاستىغا يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە «چوڭ بۇرۇن» ياساپ قويىدىغان بولدى، بۇ بۇرۇننىڭ شەكلى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولسىلا، يۇمىلاق بۇرۇن قوزغىغان دولقۇننىڭ دولقۇن چوققىسى كېمە بېشى قوزغىغان دولقۇننىڭ دولقۇن ئويمىنىغا توغرا كېلىدۇ - دە، كېمە بېشىدىكى دولقۇن يوقىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوزغىتىلغان دولقۇننىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىزلىشىپ، كېمە تېزلىشىدۇ. يۇمىلاق بۇرۇننىڭ شەكلى خىلمۇخىل بولىدۇ. ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغىنى تامچىسىمان يۇمىلاق بۇرۇن، ئۇنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنىڭ ئۈستى ئۇچلۇق، ئاستى كەڭ بولۇپ، سۇ تامچىسىغىلا ئوخشايدۇ، ئۇ تېز يۈرەر ئۇزۇنچاق كېمىلەرگە باب كېلىدۇ. ئىككىنچى خىلى يېنىدىن قارىغاندا «S» قا، توغرا كەسمە يۈزى «V» غا ئوخشايدۇ، شۇڭا «V-S» شەكىللىك يۇمىلاق بۇرۇن دېيىلىدۇ. ئۇ يۇقىرى - ئوتتۇرا سۈرئەتلىك كېمىلەرگە ماس كېلىدۇ. ئېلىمىز لايىھىلىگەن25 مىڭ توننىلىق «جېڭجۇ» ناملىق يۈك كېمىسىگە مۇشۇنداق يۇمىلاق بۇرۇن قوللىنىلغان. ئۈچىنچى خىلى ھەم ئۇزۇن، ھەم ئىنچىكە بولۇپ، تۆۋەن سۈرئەتلىك چوڭ كېمىلەرگە لايىق كېلىدۇ. يەنە بىر خىلى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، ئىككى ئۇچى يېرىم شارسىمان بولىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، كۆپىنچە كونا كېمىلەرگە سەپلىنىپ، قارشىلىق كۈچى ئاجىزلىتىلىدۇ. يۇمىلاق بۇرۇن كېمىنىڭ لەيلەش كۈچىنىمۇ ئاشۇرۇپ، يۈك سىغىمچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئوكيان يۈك كېمىلىرىدە يەنە يۇمىلاق بۇرۇننىڭ ئىچىگە سونار قۇرۇلمىسى ئورنىتىپ، كېمىنىڭ سۇ ئاستىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەر خىل كېمىلەر