UyghurWiki
UyghurWikiھەر خىل كېمىلەرقۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسى

قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسى

ھەر خىل كېمىلەر يېڭى تىپتىكى بىر خىل سەيلە كېمىسى بار، ئۇنىڭغا يېقىلغۇ كەتمەيدۇ، ئادەم كۈچىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ،5 ~6 كىشى ئولتۇرسا، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى سائىتىگە6 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭالايدۇ، بۇ قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسىدۇر. قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسى قۇياش باتارېيىسى ھاسىل قىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ ئېلېكتر دۋىگاتېلنى، ئۇ ئارقىلىق پىرقىرىغۇچنى ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن ماڭىدۇ. قۇياش باتارېيىسى قۇياش نۇرىنىڭ ئېنېرگىيىسىنى بىۋاسىتە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. جۇڭگودا تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسى نىڭبودا ياسالغان. كېمىنىڭ سىرتى ئەينەك پولات بىلەن قاپلانغان، تۆپىسىگە2 ×2 كۋادرات سانتىمېتىرلىق3168 پارچە كرىمنىي قۇياش باتارېيىسى ياپراقچىسىدىن تەركىب تاپقان27 .1 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كرىمنىي قۇياش باتارېيىسى تاختىسى ئورنىتىلغان. قۇياش نۇرى تىك چۈشكەندە120 ۋات ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھاسىل بولىدۇ. كېمە ئىچىدىكى سىغىمچانلىقى يۇقىرى ئاككۇمۇلياتور ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكى ئارتۇق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ساقلاپ، ھاۋا تۇتۇق، يامغۇرلۇق كۈنلىرى كېمىنى بېسىمى تۇراقلىق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسى يېقىلغۇ ئىشلەتمىگەچكە، دېزىل ماتور پەيدا قىلىدىغان ئىس ۋە شاۋقۇن بولمايدۇ، سىلىق ماڭىدۇ، بولۇپمۇ مەنزىرە رايونلىرىنى تاماشا قىلىشتا ئىشلىتىشكە باب كېلىدۇ. بىراق، ھازىر كرىمنىي قۇياش باتارېيىسى ئىشلەش تەننەرخى يۇقىرىراق، ئاككۇمۇلياتورنىڭ سىغىمچانلىقى چەكلىك بولغانلىقتىن تېخى ئومۇملاشمىدى.
← بارلىق تېمىلار ھەر خىل كېمىلەر