سۇنىڭ ئۈستىدىمۇ، ئاستىدىمۇ ئىشلىتىلىدىغان كاتېر
ھەر خىل كېمىلەر
1982 - يىل3 - ئايدا ئەنگلىيىدىكى بىر كۆرگەزمىدە ئەپچىل ۋە كۆركەم، لاي - لاتقىلىق تىرەن دېڭىز تېگىدە مەشغۇلات قىلالايدىغان ھەم سۇ ئۈستىدە كاتېردەك تېز ماڭالايدىغان بىر كېمە كۆرگەزمە قىلىندى، كىشىلەر ئۇنى سۇنىڭ ئۈستىدىمۇ، ئاسىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدىغان كاتېر دەپ ئاتىدى.
سۇ ئاستى كاتېرىنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى بىر ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلدىن ئىبارەت، ئۇ ھىم بۆلۈمگە جايلاشتۇرۇلغان، قىسقا ھاۋا ئۆتۈشۈش تۇرۇبىسى ئارقىلىق ھاۋا كىرىدۇ، ھاۋا كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىدا كلاپانلار بولىدۇ. كاتېرغا يەنە بىر تۇراقلىق توك گېنېراتورى، ئىككى ئاككۇمۇلياتورلار گۇرۇپپىسى، ئىككى ياكى تۆت ئېلېكترلىك ئىتتىرگۈچ، كومپرېسسور، لەيلىتىش بۆلۈمى ۋە مەشغۇلات قۇرۇلمىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاساسىي ماشىنا گېنېراتورنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئاككۇمۇلياتورنى زەرەتلەيدۇ. ئاككۇمۇلياتور كومپېرېسسور ۋە ئېلېكترلىك ئىتتىرگۈچنى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ توك كاتېرنى چۆكتۈرۈش، لەيلىتىش ۋە ماڭدۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ.
سۇ ئاستى كاتېرى سۇ يۈزىدىن نىشانغا تېز يېقىنلىشىدۇ، چۆكىدىغان يەرگە بارغاندا، ئاساسىي ماشىنا ۋە ھاۋا كىرىش - چىقىش كلاپانلىرى تاقىلىپ، ئاككۇمۇلياتورلار گۇرۇپپىسى تەتۈر ئايلىنىدىغان كومپرېسسورنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، كاتېرنىڭ لەيلىتىش بۆلۈمىدىكى ھاۋا ئاستا - ئاستا سىقىپ چىقىرىلىپ، كاتېر چۆكۈشكە باشلايدۇ. تېگىشلىك چوڭقۇرلۇققىچە چۆككەندە، كاتېر ئېلېكترلىك ئىتتىرگۈچنىڭ ياردىمىدە خۇددى سۇ ئاستى كېمىسىدەك ئۈزۈپ، نىشانغا يوشۇرۇن يېقىنلىشىدۇ. نىشانغا يەتكەندە لەيلىتىش بۆلۈمىگە يەنە سۇ كىرىپ، كاتېر دېڭىز تېگىگە چۆكىدۇ ۋە لەڭگەر تاشلايدۇ، سۇ ئاستى خىزمەتچىلىرى سۇغا چۈشۈپ مەشغۇلات قىلىدۇ.
خىزمەتچىلەر ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كاتېردىكى سونارلىق سىگنال تارقىتىش ئاپپاراتىنىڭ يول باشلىشى بىلەن لەڭگەر تاشلىغان كاتېرغا ئۈزۈپ كېلىدۇ، ئاندىن كومپرېسسورنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، لەيلىتىش بۆلۈمىدىكى سۇنى سىقىپ چىقىرىدۇ، كاتېر ئاستا - ئاستا لەيلەيدۇ. كاتېر مەلۇم چوڭقۇرلۇققىچە لەيلىگەندە، سۇ ئاستى خىزمەتچىلىرى ئېلېكترلىك ئىتتىرگۈچنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇ يەردىن ئاستاغىنا ئايرىلىدۇ. بىخەتەر رايونغا يەتكەندىن كېيىن، سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ، ھاۋا كىرىش - چىقىش كلاپانلىرىنى ئېچىپ، ئاساسىي ماشىنىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، سۇ ئاستى كاتېر سۇ ئۈستى كاتېرىغا ئايلىنىپ، يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈپ كېتىدۇ.
سۇ ئاستى كاتېرىنىڭ سۇ ئۈستىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە20 دېڭىز مىلىغا، سۇ ئاستىدىكى تېزلىكى2 ~3 دېڭىز مىلىغا يېتىدۇ؛ ئەڭ يۇقىرى تېزلىكتە داۋاملىق100 دېڭىز مىلى يۈرگىلى، ھەم ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن، ھەم پۇقراۋى ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.