UyghurWiki
UyghurWikiھەر خىل كېمىلەرمۇز يارار كېمە

مۇز يارار كېمە

ھەر خىل كېمىلەر مۇز قاپلىغان دېڭىزدا يۈرۈش ئۈچۈن، روسىيىلىك برتىنېۋ ئادەتتىكى بىر كېمىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇردى. ئۇ كېمىنىڭ تۇمشۇقىنى يانتۇ قىلىپ، كېمە تۇمشۇقى مۇزغا بىۋاسىتە ئۇرۇلماي، گۈرجەككە ئوخشاش تېيىلىپ مۇز ئۈستىگە چىقىپ كېتىدىغان، كېمىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن مۇزنى بېسىپ پارچىلايدىغان قىلدى. بۇ، دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى «شوپۇر» ناملىق مۇز يارار كېمىدۇر.1864 - يىلى «شوپۇر» ناملىق مۇز يارار كېمە مۇز قاپلىغان فىنلاندىيە قولتۇقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرۈپ، مۇز يېرىپ يۈرۈش تارىخىنى باشلىدى. مۇز يارار كېمىنىڭ تۇمشۇقى ئالدىغا يانتۇ بولغاندىن سىرت، گەۋدىسىمۇ كەڭ، قۇرۇلمىسى پۇختا، يەنە مۇز قاتلىمىنى يانجىش ئۈچۈن، ئات كۈچى زور ماتور ھەم كېمىنىڭ تۇمشۇق ۋە قۇيرۇقىنىڭ چۆكۈپ مۇز قاتلىمىنى يانجىشىنى تەڭشەيدىغان قۇۋۋىتى زور پومپا ئورنىتىلغان.1959 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى «لېنىن» ناملىق يادرو ئېنېرگىيىلىك مۇز يارار كېمىنى ياسىدى. ئۇ «يېقىلغۇ» ئىشلەتمەي، ئۇدا2 ~3 يىل يۈرەلەيدۇ؛ ئاتوم مۇز يارار كېمىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى زور، كېمە گەۋدىسىدىكى پولات تاختا قېلىنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇز يېرىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغانىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كېيىن يەنە «شىمالىي قۇتۇپ» ناملىق دۇنيادا ئەڭ زور ئاتوم مۇز يارار كېمىسىنى ياسىدى، لېكىن يادرو ماتورىنى ياساش تەننەرخى قىممەت، يۈرۈش خىراجىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تەرەققىياتى تېز بولمىدى.
← بارلىق تېمىلار ھەر خىل كېمىلەر