UyghurWiki
UyghurWikiھەر خىل كېمىلەريېرىم چۆكمە كېمە

يېرىم چۆكمە كېمە

ھەر خىل كېمىلەر يېرىم چۆكمە كېمىگە ئولتۇرسا، كېمە چايقالمىغاچقا، يولۇچىلارنىڭ بېشى قايمايدۇ.20 - ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىنىڭ بېشىدا كېمە ئىنژېنېرلىرى كېمىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىنى تەتقىق قىلغاندا، سۇ چىقىرىۋېتىش مىقدارى ئوخشاش كېمىلەرنىڭ سۇ بويلىغان كەسمە يۈزى قانچە كىچىك بولسا، دولقۇندا چايقىلىشى شۇنچە كىچىك بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، كېمىنى سۇ بويلىغان كەسمە يۈزىدىن ئىككىگە بۆلۈپ، ئۈستۈنكى يېرىمى سۇ ئۈستىدە، ئاستىنقى يېرىمى سۇ تېگىدە تۇرىدىغان قىلدى، يەنە بۇ ئىككى بۆلەك كېمە گەۋدىسىنى ئاقما لىنىيە شەكىللىك قوزۇقلار بىلەن تۇتاشتۇردى، مۇنداق كېمە مودېلىنى سۇدا سىناق قىلغاندا، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، چايقالماس يېرىم چۆكمە كېمىنىڭ دەسلەپكى مودېلى بولۇپ قالدى. يېرىم چۆكمە كېمىنىڭ يېرىمى سۇدىن ئېگىز چىقىپ، يېرىمى سۇغا تىرەن چۆكۈپ تۇرىدىغانلىقى، سۇ بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان تىرەك قوزۇقلار ئاقما لىنىيە شەكىللىك ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇنداق كېمە دېڭىز دولقۇنىنىڭ تەسىرىگە بەك ئاز ئۇچرايدۇ، تېز يۈرگەندە دولقۇننىڭ قارشىلىق كۈچىگىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. كېمە ئىنژېنېرلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ، كېمىنىڭ سۇ ئاستى قىسمىنى يەنە ئىككىگە بۆلۈپ، تورپېدا شەكىللىك ئىككى گەۋدىگە پارچىلاپ، كېمە گەۋدىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشتۇردى، شۇنداق قىلىپ، يېرىم چۆكمە كېمە قارشىلىق كۈچىگە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك كېمىگە ئايلاندى. مۇنداق كېمە دەسلەپ دېڭىزدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرىدىغان يېرىم چۆكمە شەكىللىك سۇپا قىلىپ ئىشلىتىلدى. ئۇزۇنلۇقى35 مېتىر كېلىدىغان يېرىم چۆكمە قوش گەۋدىلىك يولۇچىلار كېمىسىنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش مىقدارى690 توننا، سىغىدىغان يولۇچى446 نەپەر، يۈرۈش تېزلىكى سائىتىگە27 دېڭىز مىلى بولۇپ،5 .3 مېتىرلىق دولقۇندا سىلىق ماڭالايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر يېرىم چۆكمە كېمىنى ھاۋا رايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان كېمە دەپ ئاتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەر خىل كېمىلەر
يېرىم چۆكمە كېمە | UyghurWiki | UyghurWiki