UyghurWiki
UyghurWikiھەر خىل كېمىلەردېڭىز كېمىسى

دېڭىز كېمىسى

ھەر خىل كېمىلەر 1980 - يىل2 - ئاينىڭ بىر كۈنى كەچقۇرۇن ناھايىتى چوڭ بىر كېمە گېرمانىيىنىڭ برېمىن پورتىغا كىردى، ئاندىن كېمە گەۋدىسى5 مېتىر چۆكتى، كېمە تۇمشۇقى ئوزۇق تۇتماقچى بولغان لەھەڭنىڭ ئاغزىدەك ئېچىلدى، ئاندىن گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلاندى - دە، ئىتتىرىش كېمىسى تۈز كېمىلەرنى ئىككى - ئىككىدىن ئىتتىرىپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا كىرگۈزدى. چوڭ كېمە800 توننا ئېغىرلىقتىكى12 تۈز كېمىنى يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن يوغان ئېغىزلىرىنى يۇمۇپ، زۇمرەتتەك دېڭىزغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ چوڭ كېمە «تۈز كېمە توشۇيدىغان دېڭىز كېمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. تۈز كېمە توشۇيدىغان دېڭىز كېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئادەتتىكى كېمىلەرگە زادى ئوخشىمايدۇ، كېمە ئىچىدە ئايرىم تريۇملار يوق، پەقەت ئىچى بوش يوغان «قورساق» لا بار، بۇ قورساق باشتىن قۇيرۇققىچە كېمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. «يېيىلگەن» 12 تۈز كېمە مۇشۇ يەرگە قويۇلغانىدى. دېڭىز كېمىسىنىڭ تۇمشۇقىدا سىرتقا ئېچىلىدىغان قوش قاناتلىق چوڭ ئىشىك بار، ئىككى تۈز كېمە يانداش كىرىپ - چىقالايدۇ. بۇ ئىشىك ھىم بولۇپ، سىرتقى شەكلى پۈتكۈل كېمە گەۋدىسىنىڭ سۇيۇر شەكلىگە ماسلاشتۇرۇپ ياسالغان، يېپىلغاندا سۇ كىرمەيدۇ. ئىشىك ئىچىدە سۇيۇقلۇق پرېسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان قۇرۇلما بار، بۇ قۇرۇلمىنى تۈز كېمىلەرنى «يۇتۇش»، «چىقىرىش» ۋاقتىدا كابىنكىدا ئولتۇرۇپ يىراقتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ئېچىش - يېپىش بەك ئاسان. كېمىنىڭ ئىككى بېقىنىدا كامېرا بار، كېمە گەۋدىسىنى لەيلىتىش - چۆكۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ كىچىك كېمىلەرنى «يەيدۇ» غان چاغدا، بۇ كامېرالارغا ناسوس بىلەن سۇ تولدۇرۇلىدۇ، كېمىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ چۆكىدۇ، يۈك قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كېمە تۇمشۇقىدىكى ئىشىك تاقىلىپ، «قورساق» ۋە كامېرالاردىكى سۇ ناسوس بىلەن چىقىرىۋېتىلىدۇ، كېمە يەنە لەيلەيدۇ. دېڭىز كېمىسىگە قاچىلىنىدىغان تۈز كېمىلەر چوڭ كېمە بىلەن بىللە لايىھىلىنىدۇ، دېڭىز كېمىسىنىڭ تىپى ۋە ئۇنىڭغا قاچىلىنىدىغان تۈز كېمىنىڭ سانىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ، تۈز كېمىلەرمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئوبرازلىق قىلىپ، تۈز كېمىلەرنى «بالا كېمە»، ئۇنى قاچىلايدىغان چوڭ كېمىنى «ئانا كېمە» دەپ، مۇنداق توشۇش ئۇسۇلىنى «ئانا - بالا كېمە» ترانسپورتى دەپ ئاتىشىدۇ. تۈز كېمە توشۇيدىغان دېڭىز كېمىسى ترانسپورتىنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، چۈشۈرۈلگەن تۈز كېمىلەرنى دەريا بويلاپ قۇرۇقلۇقنىڭ خالىغان يېرىگە ئېلىپ بارغىلى، ئىچكى دەريا ترانسپورتى بىلەن ئوكيان ترانسپورتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەر خىل كېمىلەر
دېڭىز كېمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki