UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلاردىكى سىرلارھايۋانلارنىڭ پەسىللىك كۆچۈشىدىكى سىر

ھايۋانلارنىڭ پەسىللىك كۆچۈشىدىكى سىر

ھايۋاناتلاردىكى سىرلار ھەر يىلى كۈزدە توپ - توپ ياۋا غازلار رەتلىك تـىـزىـلـىـپ، يىراق جەنۇبقا قاراپ ئۇچىدۇ. ئىككىنچى يىلـى ئەتـىـيـازدا ئۇلار ئەسلىي يولنى بويلاپ قىلچە ئاداشماستىن قايتىپ كـېـلـىـدۇ. پـەسـىلنىـڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ياشاش ماكانىنى ئۆزگەرتىش ئادىتى پەسـىـلـلـىـك كۆچۈش دەپ ئاتىلىدۇ. بـۇ خـىـل يـاشـاش ئادىتى بار قـۇشلار پـەسـىـل قۇشلىرى دېيىلىدۇ. ياۋا غاز، قارلىغاچ قاتارلىقلار پەسىل قـۇشـلـىـرىـغـا كىرىدۇ. پەسىل قـۇشـلـىـرىـنـىـڭ كـۆچـۈش ۋاقـتـى، يـولـى ھـەر يـىـلـى ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ، تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى، بەزى پەسىل قۇشلىـرى، مـەسـىـلـەن، قىزىل پاچاق ھەيران ئىككىنچى يىلى ماكانىـغـا قـايـتـقـانـدا، ئالدىنقى يىلى تۇرغان «كونا ئۆيـى» نـى تـاپـالايـدۇ ھـەمـدە مـۇشـۇ «ئۆي» دە ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشايدۇ. پەسىل قۇشلىرىدىن باشقا يەنە بەزى ھاشاراتلارنىڭمۇ كۆچۈش ئادىتى بار. ئامېرىكا قىتئەسىدە ئىنتايىن چىرايلىق، كېـپـىـنـەكـلـەرنـىـڭ شـاھـى دەپ ئاتالغان بىر خىل شاھ كېپىنەك بار. بۇ خىل كېپىنەكلەر ھەر يىلى كۈزدە توپ - توپى بىلەن شىمالىـي ئامېرىكىدىن جەنۇبقا قاراپ ئۇچىدۇ، مۇساپىسى3000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇلار مېكسىكا، كۇبا، باھاما تاقىم ئاراللىرى ۋە كالىفورنىـيىـنىڭ جەنۇبـىـدا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا شىمالـغـا كـۆچـىـدۇ. ئۇلار يول ئۈستىدە كۆپىيىپ، تۇخۇملىغانـدىـن كـېـيـىـن ئۆزلـىـرى ئۆلۈپ كېتىدۇ، تۇخۇمدىن چىققان يېڭى ئەۋلاد شاھ كېپىـنـەكـلـەر جـەنـۇبـقـا بېرىپ قـىـشنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئادىتى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن بەزى قۇشلار ۋە ھاشاراتلاردا بۇ خىـل كـۆچـۈش ماھارىتى بولىدۇ؟ ئۇلار كۆچكەندە نېمىگە تايىنىپ يۆنىلىشنى پەرق ئېـتـىـدۇ؟ بـۇ سوئاللار ئىنتايىن قىزىقارلىق، ئەمما ئۇلارغا جاۋاب بېرىش ناھايىتى قىيىـن. قىسقا ئارىلىققا ئۇچقاندا كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق يۆنىلىشنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ، بىراق يىراق مۇساپىگە ئۇچقاندا كۆرۈش سېزىمىگىلا تايىنـىـشقا بولمايدۇ. ئالىملارنىڭ قىياس قىلىشىچە، قۇشلار قۇياشنىـڭ ئورنـىـنـى يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرۈشتىكى كومپاس قىلىدىكەن. ئەگەر شۇنداق بولـسـا، ئۇلار قۇياش ئورنىنىڭ يۆتكىلىشى تۈپەيلىدىن كېلىـپ چـىـقـقـان ۋاقـىـت پەرقىنى تولۇقلىشى كېرەك. شـۇڭـا، ئالـىـملار پـەسـىـل قۇشلىرىنىڭ تېنىدە قۇياشنىڭ يۆتكىلىشىنى توغرا ھېـسـابـلـىـيالايـدىـغان، كۈندۈزدىكى ۋاقىتنى سېلىشتۇرالايدىغان بىئولوگىيىلىك سائەت بولۇشـى مـۇمـكـىـن، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار كېچىدە يۆنىلىشنى قانداق پەرقلەنـدۈرىـدۇ؟ ئەقىلگە سىغىدىغان يەكۈن مۇنداق: ئۇلار يـۇلـتـۇزلاردىـن پايدىلىنىپ يۆنىلىشنى بېكىتىدۇ. بىراق، ئۇلار يۇلتۇزسىز كېچىلەردىمۇ ئوخـشاشلا توغرا ئۇچالايدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار يۆنىلىشنى نېمىگە ئاساسەن پـەرقـلەندۈرىدۇ؟ شۇڭا، بەزىلەر ئۇلار يەر شارىدىكى ماگنىت مەيدانى، پوليارىزاتسىيىلەنگەن نۇر، ئاتموسفېرا بېسىمى، پۇراق قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ يۆنىلىشنى پـەرق ئېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئالىملار، كېپىنەكنىڭ پەسىللىك كۆچۈشىنى ئىرسىيەت ئامىـلـى بـىـلـەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. كېپىنەكنـىـڭ پـەسـىـلـلـىـك كۆچۈشى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئەمدىلا باشلاندى، ئالىملار تېخىمـۇ كـۆپ، تېخىمۇ قىزىقارلىق بايقاشلارنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلاردىكى سىرلار
ھايۋانلارنىڭ پەسىللىك كۆچۈشىدىكى سىر | UyghurWiki | UyghurWiki