UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلاردىكى سىرلارسالمون بېلىقىنىڭ كۆچۈشىدىكى سىر

سالمون بېلىقىنىڭ كۆچۈشىدىكى سىر

ھايۋاناتلاردىكى سىرلار سالمون بېلىقى بىر خىل قىممەتلىك بېلىق. ئۇ تـاتـلـىـق سـۇ دەريـا ئېقىنلىرىدا تۇخۇملايدۇ، تۇخۇمدىن چىققان بېلىجانلىرى دەريا ئېقىنلـىـرىـدا قىسقا ۋاقىت ياشىغاندىن كېيىن، دېڭىزغا بېرىپ ياشايدۇ، يېـتىلگەنـدىـن كېيىن ئۆزلىرى تۇغۇلغان دەريا ئېقىنـىـغـا كـېـلـىـپ تـۇخـۇملايـدۇ. سالمون بېلىقىنىڭ تۇخۇملايدىغان جايغا قايتىش مەقسىتىدە ئالدىدىكى شارقىراتمىدىن ئۆتمەكچى بولۇپ بەس - بەستە سەكرەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭدىكى بۇ كۈچكە ھەيران بولماي تۇرالمايدۇ! دېڭىز شۇنچە بىپايان، دەريالار شۇنچە ئۇزۇن سوزۇلغان. ئۇنداقتا، سالمون بېلىقى دېـڭىزغا قۇيۇلىدىغان سانسىز ئېقىنلاردىن ئۆزلىرى تۇغۇلغان دەريا - ئېقىنلارنى قانداق قىلىپ پەرق ئېتەلەيدۇ، شۇنچە يىراقتىن ماكانىغـا قانداق قىلىپ قـايـتىپ كېلەلەيدۇ؟ بۇ ئىزچىل يېشىلمىگەن سىر. كىشىلەر تېخى يېقىنقى يىللاردىلا، بۇ سىرنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىپ كـۆرمەكچى بولدى. بەزى ئالىملار سالمون بېلىقى پۇراققا تايىنىپ كۆچىدۇ، دېگەن نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكىلىق بىئولوگ يۇسىل بالىلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزگەن جايغا بېرىپ دەم ئېلىۋاتقىنىدا دائىم سەيلە قىـلـىـدىـغـان يـولـدا كېتىۋېتىپ، گۈل - گىياھ ۋە مـۇخلارنـىـڭ ئىنتايىن تونۇش ھىدىنى پۇرىغان، بۇ ئۇنىڭدا بالىلىق خاتىرىلىرىنى ئويغاتقان، مېڭىسـىـدە بالىلىق چاغلىرىدىكى مەنزىرىلەر ئېنىق نامايان بولغان. ئۇ بـۇلارنـى ئۆزى تەتقىق قىلىـۋاتـقان سالمون بېلىقىنىڭ كـۆچـۈش مـەسـىـلـىـسـىـگـە بىرلەشتۈرگەن ھەمدە پۇراق سالمون بېلىقىنىڭ بـىپـايان دېـڭىزدىن ئۆزى تۇغۇلغان جايغا قايتىپ كېلىشىدىكى شەكىلسـىـز يـول بـاشـلـىغـۇچـى دەپ قىياس قىلىپ، بىر قاتار تەجرىبىلەرنى ئىشلىگەن.20 نەچچە يىللىق تەجرىبە سالمون بېلىجانلىرى يـاشىغـان ھەربىر دەريا ئېقىنىدا ئۇلارنىڭ خاتىرىسىگە چوڭقۇر ئورناپ كېتىدىغان ئالاھىدە پۇراقنىڭ بولىدىغانلىقىنى، يېتىـلـگـەن سالمون بېلىقىنىڭ مۇشۇ خىل خىمىيىلىك پۇراقنى قوغلىشىپ، بالىلىق چاغلىرىدا ياشىغان دەريا ئېقىنىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ھالبۇكى، سالمون بېلىقى بىپايان دېڭىز - ئوكياندا يۆنىلىشنى قانداق پەرق ئېتىپ، بۇ خىل پۇراقنى ھىدلىيالايدىغان جايغا يېتىپ بارالايدۇ؟ بۇ سىر تېخى ئېچىلمىدى.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلاردىكى سىرلار