سىرلىق دېڭىز دېلفىنى
ھايۋاناتلاردىكى سىرلار
دېڭىز دېلفىنى دېڭىز - ئوكياندا ياشايدىغان ئەقىللىق، ئاق كۆڭـۈل ھـايـۋان، ئۇ يەنە مەشھۇر سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولۇپ، سائىتىگە60 ــــ70 كىلومېتـىـر ئۈزەلەيدۇ، بۇ سۈرئەتكە پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ يېتەلمەيدۇ.
دېڭىز دېلفىنىنىڭ سۇ ئۈزۈشتىكى سۈرئىتى ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىـشـىـنـى قوزغىدى. تەتقىقات ئارقىلىق دېڭىز دېلفىنـىنىڭ تېنى ئالاھىدە سۇيۇر شەكلىدە بولغاندىن سىرت، تېرە تۈزۈلۈشىمۇ ئالاھىدە، بـۇ خىل تېرە تۈزۈلۈشى سۇنىڭ قارشىلىـق كـۈچـىـنـى ئاجـىـزلـىـتـىـدۇ، دەپ قارالدى. بەزى ئالىملار مۇنداق قارايدۇ: دېڭىـز دېـلـفىنـى تـېرىـسىنىـڭ ئېلاستىكلىقى يۇقىرى، تېرىسىنىڭ سىرتقى قىسمىدا بۇلـۇتـسـىـمـان ماددىلىق ئۇششاق نەيچىلەر بار، دېلفىـن ئۈزگـەنـدە ئۇنـىـڭ تـېـرىـسـى سـۇ ئېقىمىغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يـۇقىرى سـۈرئەتـتـە سـۇ ئۈزگەندە پەيدا بولىدىغان قاينام شەكىللەنمىگەچكە، سۇنـىـڭ قـارشـىـلـىـق كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ.
بۇ قىياسلار توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىدى، لـېـكـىـن كىشىلەر دېڭىز دېلفىنىنىڭ تېرە تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن، ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ بىر خىل سۈنئىي نېپىز پەردىنى لايىھىلەپ چىقتى، بـۇ خـىـل نېپىز پەردە سۇ بىلەن ئۇچراشقاندا، كېڭىيىپ - تارىيالايدۇ. بۇ خىل پەردە تورپېدا قويۇپ بەرگۈچى ماتورلۇق قېيىققا قاپلانسا، سۇنىڭ قارشىلىـق كۈچىنى يـېـرىم ھەسسە كېمەيتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل نېپىز پەردىنى چوڭ تىپتىكـى پاراخوتلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئايروپىلانلارغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
دېڭىز دېلفىنى يەنە ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا تۇغما ئىقـتـىـدارغا ئىگە. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى گېزىـت - ژۇرناللاردا دېڭىز دېلفـىـنـىـنـىـڭ دېـڭـىـزدا خـەتـەرگـە يـولـۇقـقـانلارنـى قۇتقۇزغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقەلەر خەۋەر قىلىـنـدى. كـىـشـىـلـەر دېـڭـىـز دېلفىنىنىڭ بۇ خىل ئادىتىدىن مەقسەتلىك پايدىلىنىپ، ئۇنى ئىنـسـانلار ئۈچـۈن خىزمەت قىلدۇردى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئالىملار بىرنەچچە دېڭـىـز دېلفىنىنى كۆندۈرۈپ، ئۇلارنى دېڭىزغا بالىلار بىلەن بىرلىكتە سۇ ئۈزۈشكـە قويۇپ بەرگەن. بەزى بالىلارنىڭ سۇغا چۆككەن ۋاقتى بەك ئۇزۇن بـولـۇپ كەتكەندە، دېڭىز دېلفىنى ئۇلارنى سۇ يۈزىگە ئىتتىرىپ چىقارغان.
دېڭىز دېلفىنىنىڭ ئۇخلىشىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچـە. دېـڭـىـز دېـلـفـىـنـى ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭىسىدىكى ئىككى يېرىم شار روشەن ئوخشىمىـغـان ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى بىر يېرىم شـار ئۇيـقـۇ ھـالـىـتـىـدە تۇرغاندا، يەنە بىر يېرىم شار ئويغاق بولىدۇ؛ ھەر ئون نەچچە مىنۇتتا ئىككـى تەرەپنىڭ پائالىيەت شەكلى بىر قېتىم ئۆزگىرىدۇ، كىشـىـلـەرنـىـڭ دېـڭـىـز دېلفىنىنى «ئۇخلىمايدىغان ھايۋان» دەپ ئاتىشى ئەجەبلىـنەرلىك ئەمـەس. دېڭىز دېلفىنىنىڭ ئۇخلاش سىرىنى تەتقىق قىلىش ئىنسانلارنـىـڭ ئۇخلاش سىرىنى ئېچىش تەتقىقاتىمىزنى بەزى يېڭى ئىلھاملار بىلەن تەمىن ئەتكۈسى.