ئۆلۈپ تىرىلىشتىكى سىر
ھايۋاناتلاردىكى سىرلار
تەبىئەتتىكى جانلىقلارنىڭ بەزىلىرى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەلەيدۇ.19 - ئەسىردە فرانسىيىدە بىر ئىشچى1 مـىـلـيـون نـەچـچـە يـۈز يـىـل ئىلگىرى شەكىللەنگەن ھاك تاش قاتلىمىدىكى بىر پارچە تاشـنـى يـارغـانـدا ئىچىدىن تۆت پاقا چىققان، ئۇلار ھەرىكەت قىلالىغـان. شـىـمـالـىـي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان مېكسىكىدىكى بىر نېفىتلىكتە كىشىلەر2 مـىـلـيـون يـىـل ئۇيقۇدا ياتقان پاقىنى قېزىپ چىققان، پاقا يەنە ئىككى كـۈن ياشىيالىغان.
ئالىملار تەجرىبە داۋامىدا نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ تىرىلىش ھادىسىسىـنـى بايقىغان.1917 - يىلى بىر ئالىم مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن: سـازاڭـنـى سـۇ سۈمۈرۈش دورىسى سېلىنغان ئەينەك قاچىغا سالغان، بۇنىڭ بىـلـەن سـازاڭ بەدىنىدىكى سۇنى تەدرىجىي يوقاتقان، تېرىلىرى قورۇلـۇپ كەتكەن، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىلا قالغان، بەدەن ھەجمى يېرىـم ھەسـسـە كىچىكلىگەن. قىسقىسى، ئۇنىڭدا ھاياتلىقتىن ئەسەرمۇ قـالـمـىـغـان. ۋەھالەنكى، بۇ قۇرۇپ قالغان سازاڭنـى نـەمـدەلـگـەن سـۈزگـۈچ قـەغـەزگـە قويغاندا ئۇنىڭ تېرىسى ئاستا - ئاستا كۆپـۈپ تـىـرىـلـگـەن. نـۇرغـۇن ئالىملار بۇ سازاڭ ھەقىقىي ئۆلمىگەن، پەقەت قـۇرغـاقـلـىـشـىـپ مـۇئەيـيـەن دەرىجىگە بارغان، شۇڭا، سۇ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ھەرىكەتلەنـگـەن، بۇنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش دېيىشكە بولمايدۇ، دەپ قارىغان.
قۇرۇپ قالغان ھايۋاننىڭ تىـرىـلـىـش سـىـرى كـەسـكـىـن مـۇنـازىـرە قوزغاۋاتقان چاغدا، يەنە بىر ساھە − تۆۋەن تېمپېراتۇرا شـارائىـتـىدا تىرىـلىـشنىڭ سىرىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا بەس - مۇنازىرە قوزغىغان.1938 - يىلى ئامېرىكىلـىـق بىر ئالىم مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇ ئالتۇنبېلىقنى سـۇدىـن ئېلىپ تېرىسى سەل - پەل قۇرۇغاندىن كېيىـن، ℃ 200 - لۇق سۇيۇق ھاۋاغا قويغان، ئالـتـۇنبېلىق دەرھال توڭلاپ قالغان.10 ~15 سېكۇنتتىن كـېـيـىـن ئالـتـۇنبېلىقنى ئېلىپ ئىلمان سۇغا سالغاندا بېلىق يەنە ئۈزۈشكە باشلـىـغان. بەزى ئالىملار توڭلىتىلغان ھايۋانلارنىڭ تىرىـلىـشى ماھىـيـەتـتـە قۇرغاقلاشقان ھايۋانلارنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش، بۇنىمۇ ئۆلگەندىن كېيىـن تىرىلىش دەپ قاراشقا بولمايدۇ، دەپ قارىغان.
ھازىر كىشىلەر تېخىمۇ نۇرغۇن تىرىلىش ھادىسىلىرىنى بايقىدى، بىراق ئۇنىڭدىكى سىر تېخى ئېچىلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، تىرىلىش ھادىسىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات قۇرغاقلاشتۇرۇش ياكى توڭلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى بىر مەھەل توختاتقاندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولامدۇ؟ دېگەن جەلپ قىلارلىق ئۈمىد پەيدا قىلدى.
ھازىر بۇ قىياس رېئاللىققا ئايلاندى. ئالىملار ئۆسمە كـېـسـەلـلـىـكـىـگـە گىرىپتار بولغان بىمارنى پۈتۈنلەي توڭلىتىپ، سـۈنئىـي ئۇيـقـۇ ھالىتىگە كىرگۈزگەن، بەش كېچە - كۈندۈزدىن كېيىن ئۇنى ئىسـسـىـق جـايـغـا يۆتكەپ ئويغاتقان. مۇشۇنداق بىرنەچچە قېتىملىق سۈنئىي ئۇخلىتىـشـتـىـن كېيىن بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا روشەن ياخشىلىنىش بولغان.
بۇ تەجرىبىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كىشىلەرنـىـڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.