UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلاردىكى سىرلارچاشقانلارنىڭ نەسلى قۇرۇماسلىقتىكى سىر

چاشقانلارنىڭ نەسلى قۇرۇماسلىقتىكى سىر

ھايۋاناتلاردىكى سىرلار دۇنيادىكى بەزى ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنى كىشىـلەر تـۈرلـۈك چـارە - ئاماللار بىلەن قوغدىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا نەسلى قـۇرۇش گـىـردابـىـغـا بېرىپ قالدى، بەزىلىرىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى. بـىـراق، بـەزى ھـايـۋانلار مەسىلەن، چاشقاننى كىشىلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن يوقاتقان بـولـسـىـمـۇ، ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇمىدى، توپ - توپ چاشقانلار يەنـىلا ھـەمـمـىلا جـايـدا يامراپ يۈرۈيدۇ. بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە چاشقاننىڭ سانـى ئەڭ كـۆپ، تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ. كىشىلەر گەرچە توختىماستىن چاشقان يوقىتىۋاتقان، مۈشۈك، يىلان، ئاغمىخان، مۈشۈكياپىلاق قاتارلىق نۇرغۇن كۈشەندىلەر ئۇلارغا ھەر ۋاقىت تەھدىت سېلىۋاتقان بولسىـمـۇ، تۈرلۈك چاشقان توپلىرى يـەنـىلا يوقالمىدى، بـەزى چاشقانلار ھەتتا تېخىمۇ قۇتراپ كەتتى. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىـن بـۇيـان كىشىلەر تۈرلۈك دورىلار ئارقىلىق چاشقانلارنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى، دەسلەپتە بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان بولسىمۇ، بىراق دورىنىڭ تەسىرى بارغانسـېـرى ئاجىزلىدى، ھەتتا چاشقانلار بۇ دورىلاردىن قورقمـايـدىـغـان بـولـۇپ كەتتى. ئالىملار تەجرىبە ئارقىلىـق بـۇ چـاشـقـانلاردا دورىـغا قـارشـىـلـىـق ئىقتىدارىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنـى، بـۇ خـىـل ئىـقـتـىـدارنـىـڭ ئىـرسـىـيـەت قالىدىغانلىقىنى بايقىدى. چاشقاننىڭ بۇ خىل ئىنتايىن كۈچلۈك ماسلىشـىـش ئىقتىدارى ئالىملارنى ھەيران قالدۇردى. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى، چاشقان يادرو رادىئاتسىيىسىگىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدۇ.2 - دۇنيا ئۇرۇشىـدىـن كېيىن ئامېرىكـا غەربىي تىنچ ئوكياندىكى مەلۇم ئارالدا ئاتوم بومبىسىنى پارتلىتىپ يادرو سىنىقىنى ئېلىپ بارغان. بۇ چاغدا، موگۇسىمان بۇلۇت ئەتراپقا ئۈزلۈكسىز ئەجەللىك رادىئاكتىپ نۇر تارقاتقان. بىئولوگلار بىرنەچچە يىلدىن كېيىن بۇ ئارالدا ئۆسۈملۈك، يوشۇرۇن خادا تاش ئاستىدىكى بېلىقلار ھـەمدە لايلاردا رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ بارلىقىنى، چـاشقاندىلا كېـسەللىك كۆرۈلمىگەنلىكىنى ھەم يېتىلىشىدىمۇ نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ سەمرىپ تىمەنلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. چـاشقان كامىرى يادرو رادىئوئاكتىپ نۇرىدىن ساقلىنىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، لېكىن چاشقاننىڭ يادرو رادىئوئاكتىپ نۇرىغا بەرداشلىق بېرەلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىسىدە مۇئەييەن «ئاساس» بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ. چاشقان زادى قانداق ئالاھىدە فىزىئولـوگىيىلىـك ئامىل ۋە ماھارەتكە ئىگە؟ كىشىلەر بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە مۇكەممەل، ئىلمىي جاۋاب بېرەلمىدى.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلاردىكى سىرلار
چاشقانلارنىڭ نەسلى قۇرۇماسلىقتىكى سىر | UyghurWiki | UyghurWiki